تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ بويىچە تۇنجى! ئۈرۈمچىدە ماكانلاشتى

 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئورمان ئىپار كېيىكىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرى شياۋدۇڭگوۋ كەنتىدە رەسمىي ماكانلاشقان، نۆۋەتتە، بۇ بازا تۇنجى تۈركۈمدىكى 36 ئىپار كېيىكنى كۈتۈۋالغان.

 ئورمان ئىپار كېيىكى بۇغا ئائىلىسىدىكى جۇغى كىچىك ھايۋان بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 70 سانتىمېتىردىن 80 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ، مۈرە ئېگىزلىكى 50 سانتىمېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، جۇغى كىچىك ھەم چاققان. مويىنىڭ رەڭگى توق قوڭۇر ياكى كۈل رەڭ قوڭۇر بولۇپ، دۈمبە تەرىپىدىكى مويىنىڭ رەڭگى قېنىقراق، قورساق تەرىپىدىكى مويىنىڭ رەڭگى سۇسراق، قۇيرۇقى قىسقا ھەم توم، قۇلىقى ئۇزۇن ھەم تىك، كۆزى يۇمىلاق ھەم نۇرلۇق بولۇپ، چىچەن، جانلىق كۆرۈنىدۇ. ئەركىكىنىڭ ئۈستۈنكى قوزۇق چىشى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كالپۇكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ، قورسىقىدا ئىپار بېزى خالتىسى بار بولۇپ، قىممەتلىك ئىپار ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ.

 سۈرەتتە: ئورمان ئىپار كېيىكى، جاڭ لىياڭ فوتوسى

  بۇ بازىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 12 مىڭ 503 كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە رايونلار ئىلمىي ئايرىلغان باقمىچىلىق قوتىنىدىن 216 سى بار ئىكەن، شۇنداقلا يەم-خەشەك ئۆيى، مال دوختۇرلۇق ئۆيى قاتارلىق يانداش ئەسلىھەلەر سەپلەنگەن، 6601.92 كىۋادرات مېتىر تېرىقچىلىق رايونى ئېچىش ماس قەدەمدە پىلانلانغان بولۇپ، شۇ جايدا يەم-خەشەك تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىكەن، «باقمىچىلىق+تېرىقچىلىق»تىن ئىبارەت ئايلانما كەسىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئورمان ئىپار كېيىكىنى كۆندۈرۈش، كۆپەيتىپ بېقىش ھەم تەبىئىي ئىپارنى ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساس قىلىنىدىكەن.  مۇخبىر: سۈن فاڭتىڭ

«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.