تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى丨قىش پەسلىدە يۇيۇنغاندا ۋاقىتنى مۇۋاپىق تىزگىنلىگەن ياخشى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيتى

  خەيرلىك سەھەر! ساغلاملىق كەلدى

  قىش پەسلىدە يۇيۇنغاندا ۋاقىتنى مۇۋاپىق تىزگىنلىگەن ياخشى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاراماي دوختۇرخانىسى (قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا) تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى يىن بىن

  قىش پەسلىدە تېرە ئاسان قۇرغاقلىشىپ قىچىشىدۇ، يۇيۇنغاندا ئىلمان سۇدا يۇيۇنۇپ تېرىنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك

  سۇ تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇش: 37 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدىكى ئىلمان سۇ بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ، سۇنىڭ زىيادە ئىسسىق بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك

  تىزگىنلەش ۋاقتى: 10 مىنۇتتىن 15 مىنۇتقىچە بولۇش، سۇغا ئۇزاق چىلىنىشقا بولمايدۇ

  بەدەنگە يېقىشلىق بولغان بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تاللاپ ئىشلىتىش: نېيترال ياكى ئاجىز كىسلاتالىق بولسا ئەڭ ياخشى، پۇت-قولنى سۈزۈك سۇدا يۇيسىلا كۇپايە

  يېنىك سۈرتۈپ قۇرۇتۇش: لۆڭگە بىلەن يېنىك سۈرتۈش، كۈچەپ ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك

  يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، تەر تۆشۈكچىلىرى يەنىلا ئوچۇق ھالەتتە بولىدۇ

  بۇ ۋاقىتتا نەملىك ساقلاش مەھسۇلاتلىرىنى سۈركىگەندە، سۇ قۇلۇپلاش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى

  قىشتا يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن تېرىڭىزنىڭ تېخىمۇ قۇرغاقلىشىپ، قىچىشىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ بۇ بەلكىم سىزنىڭ يۇيۇنۇش ئۇسۇلىڭىزنىڭ خاتا بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. قىشتا يۇيۇنۇشتا ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بار، ئىللىق سۇدا راھەتلىنىپ يۇيۇنۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن تېز يۇيۇنۇپ ۋاقىتنى تىزگىنلىگەندە تېرىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلدى

  نازارەتچى: چاۋ جىن، لى چۇنشيا

  لايىھەلىگۈچى: چاۋ جىن

  بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى\مەزمۇن تەييارلىغۇچى: سۇ لۇپىڭ

  ​«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.