تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى» ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) قاتارلىق ئورۇنلاردىن كەلگەن ئالتە نەپەر مۇتەخەسسىس - ئالىم «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر، «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۈزۈپ چىقىش، جەنۇبىي شىنجاڭ ئالىي مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق باش تېمىلارنى چۆرىدەپ ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

«كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىكى ئاساسلىق يول ۋە ئاساسلىق بازا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە نەزەرىيەنى ئىزاھلاش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەيدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى ليۇ باۋدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلاپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.