تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] سەھنە تىياتىرى «لوپ. ئانار قىزاردى» خوتەندە تۇنجى قېتىم ئوينالدى

     ئاپتورلار: مەمەتئېلى ئەنۋەر، مەتسەيدى مەمتىمىن

    11-ئاينىڭ 5-كۈنى كەچتە، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ئىجاد قىلغان سەھنە ئەسىرى «لوپ. ئانار قىزاردى» خوتەن ۋىلايەتلىك كىنو-تىياتىرخانىسىدا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىلىپ، سەنئەت كۈچى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا مەدھىيە ئوقۇلۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى جانلىق چۈشەندۈرۈپ بېرىلدى.

    پۈتكۈل تىياتىردا ئۇسسۇل تىلى ئارقىلىق «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسى كۆرگىلى بولىدىغان ھالەتكە ئايلاندۇرۇلۇپ، «ئانار قىزاردى» لوپ تۇپرىقىدىكى كۆپ مىللەتنىڭ بىللە ياشاپ ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ جانلىق سىمۋولى قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى ئىخچام نامايان قىلىنغان. بۇ قېتىمقى ئويۇننى لوپ ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىدىكى 40 ئارتىس بىرلىكتە ئورۇنلىغان بولۇپ، 50 مىنۇتلۇق نادىر نومۇر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: لوپ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.