− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيەسى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
11 - ئايدىكى شىنجاڭدا سوغۇق بارغانسېرى كۈچىيىۋاتاتتى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا داۋاملىق كۆتۈرۈلدى.
11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگىچە، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۇنياۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭدا لېكسىيە سۆزلىدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنىدا، شېن چۇنياۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر بايان قىلىپ چۈشەندۈردى ۋە يېشىپ چۈشەندۈردى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە بىڭتۇەن 12 - شىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مەھەللە، ئالىي مەكتەپ ۋە كارخانىلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كاللىغا، قەلبكە ئورنىشىغا تۈرتكە بولدى.
«لېكسىيە ھەم سىياسىي يۈكسەكلىككە ۋە ئىدىيە چوڭقۇرلۇقىغا، ھەم نەزەرىيە ھارارىتىگە ۋە ئەمەلىيەت چوڭقۇرلۇقىغا ئىگە بوپتۇ!» «<15 - بەش يىل> مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىق تونۇشقا ئىگە بولدۇق، غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشتى!»... لېكسىيە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس ئاينۇر مەقسەت ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەسسىلەپ روھلاندى. «مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ نوپۇزلۇق يېشىپ چۈشەندۈرۈشىدىن <تەكلىپ>تە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار پىلان ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنغا نىسبەتەن چۈشەنچەم چوڭقۇرلاشتى، خىزمەت يۆنىلىشىم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.» ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ تىيانشاننى جۇلالاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاياللار تۆھپە يارىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش» تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاياللار، بالىلار ۋە ئائىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزىمىز.
«بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە <تەكلىپ>تىكى ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلار يېشىپ چۈشەندۈرۈلدى، ئاڭلىغاندىن كېيىن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.» جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ما خۇادۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش، بولۇپمۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش جەھەتلەرنى چۆرىدەپ پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا تەكلىپ بېرىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.
مەھەللە شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى ئاساسىي بىرلىك، شۇنداقلا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بازا.
ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئېرداۋچياۋ كوچا باشقارمىسىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىدە، شېن چۇنياۋ «قەلبىنۇر ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش نۇقتىسى»، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت پونكىتى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەھەللىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى؛ بىڭتۇەن 12 - شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى رۇڭخې مەھەللىسىدە ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ ئايرىم - ئايرىم ئىككى مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، ئاھالە ئاممىسى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
«<15 - بەش يىل> مەزگىلىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە قانداق يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىلار بار؟» «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالاش، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە قانداق يېڭى تەدبىرلەر بار؟»... كۆپچىلىك بەس - بەستە سوئال سورىدى، شېن چۇنياۋ «تەكلىپ»تىكى مەزمۇنلارغا بىرلەشتۈرۈپ، تەسىرلىك، جانلىق مىساللار ئارقىلىق بىر - بىرلەپ جاۋاب بەردى، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى پات - پات ياڭرىدى.
«ئومۇمىي يىغىندا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ قېتىمقى لېكسىيەدە يەنە سىستېمىلىق بايان قىلىندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى، بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسى مەھەللە خىزمىتى يۆنىلىشىمنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردۇم، ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى!» گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ياۋۋېن مۇنداق بىلدۈردى: مەھەللىمىز ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ھەل قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى خۇددى ماگنىتقا ئوخشاش كۆپچىلىكنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى 3 - ليەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ليەنجاڭى دىلمۇرات ئابدۇكېرىم مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ليەندۈيدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېتەكلەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قۇۋۋەت قوشۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىككە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. شېن چۇنياۋ شىنجاڭ داشۆگە بېرىپ، مەكتەپ تارىخى سارىيى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىپ، كۆپچىلىككە قالتىس بىر مەيدان ئومۇمىي يىغىن روھىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش دەرسى ئۆتتى. ئۇ يەنە ياش ئوقۇغۇچىلارنى قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
«ئىنتايىن ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، جاسارىتىم ئۇرغۇدى ھەم كۆپ نەپكە ئېرىشتىم.» لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭ داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رامىلە شاۋكەت مۇنداق بىلدۈردى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈندىلىك مائارىپ ئوقۇتۇشى، ئىلمىي تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.
كارخانا پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان جەڭگىۋار قوشۇن. 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېن چۇنياۋ شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ «تەكلىپ»تىكى مەزمۇنلار بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشىدىكى يېتەكچى ئەھمىيىتىنى بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى.
«لېكسىيەنىڭ مەزمۇنى كارخانىمىزنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدىكەن، بولۇپمۇ ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئورۇنلاشتۇرمىلارغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.» شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى ليۇ پېڭلۇڭ مۇنداق دېدى: تېخنىكا كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پايدىلىق باكتېرىيە تۈپىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە قوشۇلما قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ قۇۋۋەتلىك، تېخىمۇ ساغلام، تېخىمۇ يېشىل سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، پەن - تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە بازار رىقابەت كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.
ئورتاق تونۇش لېكسىيە داۋامىدا مۇجەسسەملەندى، ئىدىيە ئۆگىنىش داۋامىدا يۈكسەلدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچەيدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى بىلەن تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.






