شېن چۇنياۋ لېكسىيە دوكلاتى بەردى، چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۇنياۋ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ دوكلات بېرىش يىغىنى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۇنياۋ لېكسىيە دوكلاتى بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ قاتارلىقلار قاتناشتى.
دوكلات بېرىش يىغىنىدا، شېن چۇنياۋ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى زىچ چۆرىدەپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانىنى چوڭقۇر چۈشىنىش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش، سىستېمىلىق ئىگىلەش قاتارلىق بەش جەھەتتىن پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى توغرىسىدا ئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلىدى ۋە چوڭقۇر چۈشەندۈردى، يەنە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەسىراتىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىننىڭ باش تېمىسى مۇھىم، مەزمۇنى مول، ماھىيەتلىك مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇنىڭغا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى سىڭدۈرۈلگەن. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە يۆنىلىشى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشى، ئېھتىياج يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى ۋە تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرى، كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىن جەمئىي 18 مىڭدىن ئارتۇق كىشى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېن چۇنياۋ يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى، شىنجاڭ داشۆ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەتقىقات بازىسى، بىڭتۇەن 12 - شى سەنپىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى رۇڭخې مەھەللىسى، شىنجاڭ تيەنرۇن سۈتچىلىك پاي چەكلىك شىركىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلدى، بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى.






