11-ئاينىڭ 4-كۈنى
G0711 ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى
(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى» دېيىلىدۇ)
تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى ئۇزارتىلغان تونېل لەمپىسىنىڭ «人» خېتى شەكىللىك ئۆگزە قۇرۇلۇشى
ئوڭۇشلۇق تاماملاندى
بۇ، تونېل كىرىش ئېغىزىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىكى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىپ
ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش ئۈچۈن ئاچقۇچلۇق ئاساس سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ
تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.13 كىلومېتىر بولۇپ
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇشى
شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تونېلى ھېسابلىنىدۇ
تونېلنىڭ كىرىش ئېغىزىغا جۇڭگونىڭ كىلاسسىك قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بولغان راۋاق ئۇسلۇبى ئىشلىتىلگەن بولۇپ
تونېل كىرىش ئېغىزى بەلگىسى كۆرسىتىلگەن ئورۇننىڭ
مەركىزىگە «تىيانشان غالىبىيەت تونېلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان
تونېل كىرىش ئېغىزىدىكى تونىل لەمپىسىگە ئېگىز-پەس ھالەتتە قوش يانتۇ ئۆگزە يېپىلغان بولۇپ
ئۇنىڭغا ھازىرقى زامان گۈزەللىك ئۇسلۇبى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئېلېمېنتى يۇغۇرۇلغان

11-ئاينىڭ 4-كۈنى، بوشلۇقتىن تىيانشان غالىبىيەت تونېلى كىرىش ئېغىزىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە نەزەر.
ليۇ شىنپېڭ فوتوسى
تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ
تاشقى كۆرۈنۈشى ۋە فۇنكسىيەلىك كاپالەت يادرولۇق قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن
ئۇزارتىلغان تونىل لەمپىسىنىڭ «人» خېتى شەكىللىك ئۆگزىسى
مۇداپىئە ۋە تاشقى كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت قوش رولنى ئۈستىگە ئالغان
راۋاقلىق مۇنار تونېل كىرىش ئېغىزىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلما بولۇپ
ئۇنىڭ قۇرۇلۇش سۈپىتى تۈرنىڭ ئومۇمىي ئوبرازىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك
ھازىر، تۈر قۇرۇلۇشى ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىرتقى تېمىنى سىرلاش، ئىچكى تېمىنى ھاكلاش قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ، 1-ۋە 2-نومۇرلۇق تىك قۇدۇقنى تۈزلەش قۇرۇلۇشى ئاچقۇچلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. تۈر كوللېكتىپى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتىنى سىجىل ساقلاپ، قالدۇق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئومۇمىي لىنىيەنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ۋە ئۇنىڭدا قاتناش باشلاش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

2024-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، تىيانشان غالىبىيەت تونېلى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلدى (ماتېرىيال سۈرەت).
ئۈرۈمچى-لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 319.7 كىلومېتىر
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى G30 لىنىيەسىنىڭ ساڭفاڭگوۋدىكى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكنىڭ غەرب تەرىپىدىن باشلىنىپ
لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭكۆل كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ
قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن
بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
شۇ چاغدا ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئاپتوموبىل بىلەن بېرىش ۋاقتى
يەتتە سائەتتىن ئۈچ سائەتكە قىسقىرايدۇ






