تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قۇمنى «ئالتۇن»غا ئايلاندۇرۇش  «پەن-تېخنىكا + كەسىپ» تەكلىماكان قۇملۇقىدا قۇمنى تىزگىنلەش ئەندىزىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 11-ئاينىڭ 5-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ لىن) كەچ كۈزدىكى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى، ئۆز قولى بىلەن تىككەن سۆكسۆك كۆچەتلىرىنى سىلىغاندا، شىنجاڭ يوپۇغا ناھىيەسى تېرىم بازىرى ماشئېڭىز كەنتى ئاھالىسى ئابدۇسالامنىڭ كۆزلىرىدىن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇراتتى.

  ئابدۇسالام سۆكسۆك ئورمانلىقىدا تېمىتىپ سۇغىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.   شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ لىن فوتوسى

  ئابدۇسالام تۇرۇشلۇق يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ داۋاكۆل تەۋەلىك رايونىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش نۇقتىسى بۇ ناھىيەدىكى «ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ قۇم تىزگىنلەش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرغان تەۋەلىك رايونلارنىڭ بىرى.

  يوپۇرغا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم تۇرغۇن مەمەت مۇنداق تونۇشتۇردى: تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ 1-سېپىدىكى رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، ناھىيە بويىچە 198 ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەترىتى تەشكىللىنىپ قۇم تىزگىنلەش يېرىنى ھۆددىگە ئالدى، قاتناشقان دېھقان ئائىلىسى 964كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە داۋاكۆل تەۋەلىك رايونىدىكى 58 مىڭ مو بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ئورمىنى ۋە 1000 مو قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تۇراقلاشتۇرۇش بەلبېغى ھازىر كەڭلىكى 284 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 104 كىلومېتىر كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك يېشىل بەلباغقا ئايلاندى، ئورمانلىق ئاستىغا توشقان زەدىكى ئۇلانغاندىن باشقا، يەنە چۈچۈكبۇيا، ئوسما يىلتىزى قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كىرىشتۈرۈپ تېرىلىپ، شۇ جايدىكى ئېتىزلارغا يېشىل توساق بەرپا قىلىنىپلا قالماي، يەنە كەسىپنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىياتىغا بوشلۇق يارىتىلدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى 11-ئايدا ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ «تۇتاشتۇرۇلۇشى»غا ئەگىشىپ، تەكلىماكاندا قۇمنى تىزگىنلەش «گىرۋەكنى قاشالاش»تىن «گىرۋەكنى كېڭەيتىش» باسقۇچىغا قەدەم قويغان، بۇ يىل پۈتۈن بىر يىلدا قۇملۇق گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بويىچە تۈزەش كۆلىمىنى 8 مىليون 440 مىڭ موغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان، نۆۋەتتە ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى داۋاملىق كۈچەيتكەن ۋە مۇستەھكەملىگەن.

  «ئىلگىرى بۇ قۇملۇققا قاراپ، پەقەت مۇھىتنىڭ ناچارلىقىنى، قۇم-بوراننىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ھېس قىلاتتىم، ئۇنىڭ كىرىم ئېلىپ كېلىشىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم». ئابدۇسالام مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەن كەنتتىكى باشقا تۆت ئائىلە بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئەترىتى تەشكىللەپ، «نۆل تەننەرخ» بىلەن 210 مو قۇملۇقنى ھۆددىگە ئالدىم، ھازىر ھۆددىگە ئالغان 30 مو سۆكسۆكلۈكتە توشقان زەدىكى ئۈندۈردۇق، كېلەر يىلى كۈزدە مو بېشى مەھسۇلاتىنى 200 كىلوگرامغا يەتكۈزۈپ، كىرىمنى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىدىم.

  مۇخبىر يېقىندا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ 1-سېپىدىكى نۇرغۇن جايلاردا زىيارەتتە بولغاندا، قۇملۇق ئىقتىسادىي زىرائەتلىرى، قۇملۇق ساياھەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە ماس كېلىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى سىناق قىلىپ تېرىشقىچە، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئۇنىۋېرسال تۈزەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىنى كۆردى، «پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش» «كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە ئېكولوگىيەسى ياخشى، كەسىپلەر گۈللەنگەن، پۇقرالار باياشات بولغان يېڭى مەنزىرە ياراتتى.

  كېرىيە ناھىيە بازىرىغا 35 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە بازىسىدا، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ خۇش ھىدى ھاۋادا تاراپ تۇراتتى. بۇ قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىدىكى يەرگە بۈگۈنكى كۈندە نەچچە مىڭ مو كېلىدىغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى تېرىلدى. سۇس سۆسۈن رەڭلىك قالقانگۈل، ياپيېشىل يالپۇز قۇياش نۇرىدا نۇر چېچىپ تۇراتتى.

 كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇملۇق كەسپى تەجرىبە بازىسىدا ئۆستۈرۈلگەن يالپۇز.    شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان

  كېرىيە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئاقىل ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: كېرىيە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ قۇملۇق كەسپى تەجرىبە ئېتىزى قۇرۇپ، ئوسما يىلتىزى، چۈچۈكبۇيا، قالقانگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ھەم قىزىلگۈل، پىستە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى سىناق قىلىپ تېرىدى، نۇرغۇن جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى بازاردا ئالقىشلىنىپ قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى.

  «كېلەر يىلى بىز يەتتە خىل جۇڭيى دورا ماتېرىيالىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، زاكازلىق تېرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قۇملۇق مۇھىتىغا ماس كېلىدىغان دورا ماتېرىياللىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ئۇ.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.