يېقىندا، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسى چىرا يېزىسىنىڭ ئانار دانىسى كەنتىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سودا ئەشيا ئوبوروت گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تۇرۇشقا ئەۋەتكەن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئارقا تىرەك ئورۇنلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇدۇللىشىپ، دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ كەنتتىكى ئاممىنىڭ جەمئىي 2.55 توننا ئانار سېتىشىغا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 38 مىڭ 250 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئانار سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلار»نى ئېتىز-ئېرىقلاردا ھەل قىلدى.

ئالتۇن كۈزدە، ئانار دانىسى كەنتىدىكى ئاناردىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، ئانارلار مېۋىسى توق، رەڭگى چىرايلىق، سۈپىتى ياخشى يېتىلگەنىدى. ھالبۇكى، مول ھوسۇل مېۋىسى ئالدىدا، قىسمەن كەنت ئاھالىلىرى سېتىش ھالقىسىدا قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، سېتىش يوللىرى راۋان بولماسلىق، باھادا داۋالغۇش بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئانار دانىسى كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، دېھقانلارنىڭ سېتىشىغا ياردەم بېرىشنى دەرھال يېقىنقى مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئارقا تىرەك ئورۇن − خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە پائال دوكلات قىلىپ ۋە ئۇدۇللىشىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئارقا تىرەك ئورۇن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش قىيىنچىلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، سودا ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى بايلىق ۋە يول ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مال سېتىۋېلىشقا پائال تەشكىللەپ، سېتىش ھالقىسىنى راۋانلاشتۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ۋە ئارقا تىرەك ئورۇننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ناھايىتى تېزلا سېتىۋېلىش مۇددىئاسى بېكىتىلدى ھەم 2.55 توننا ئەلا سۈپەتلىك ئانار سېتىۋېلىش خىزمىتى يۇقىرى ئۈنۈمدە تاماملىنىپ، 38 مىڭ 250 يۈەن سېتىش پۇلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ ھەقىقىي نەپكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىندى.

بۇ قېتىمقى دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ سېتىش پائالىيىتى ئانار دانىسى كەنتىدىكى ئاممىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپلا قالماي، دېھقانلارنى «مېۋە ئەرزان بولۇپ دېھقانلار زىيان تارتىش» خەۋپىدىن ساقلاپ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خاس باغۋەنچىلىككە تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى. كەنت ئاھالىلىرى بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە ئارقا تىرەك ئورۇنلار پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، بىزگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى، ئارقا تىرەك ئورۇنلارنىڭ پۇختا، كۈچلۈك قوللىشىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئانار دانىسى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلار»نى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت. بۇ قېتىمقى دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ سېتىش «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. كېيىنكى قەدەمدە، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا داۋاملىق يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئارقا تىرەك ئورۇنلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، مەھسۇلات قوشۇمچە قىممىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە ياردەم بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىدۇ.
(چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن يۈەن جۈن)
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






