تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نارات: قار ئۇچقۇنلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، نەپىس، رەڭدار رەسىملەرنى سىزىپ چىقتى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونىغا ئېگىز بوشلۇقتىن نەزەر

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ، كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى قارنى كۈتۈۋالدى. قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ چۈشۈپ، يايلاق، ئورمان، دەريا سۈيى كۈمۈش لىباسقا پۈركەنگەنىدى، بىر قىسىم دەل-دەرەخلەرنىڭ رەڭگارەڭ تۈسى بۇ پەيتتە تېخى سۇسلاشمىغانىدى، قار بىلەن كۈزنىڭ ئۇچرىشىشى بىلەن گۈزەل بىر پارچە رەڭدار نەپىس رەسىم ھاسىل بولغانىدى.

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى قېلىن قاردا سىياھ رەسىمدەك گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلغاندى.

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى، ئورمانلىقتىكى كىچىك مەنزىرە.

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى، قار-شىۋىرغاندىكى چارۋا توپى.

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى.

11-ئاينىڭ 5-كۈنى، نارات مەنزىرە رايونى. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاپئاق قار بىلەن قاپلىنىپ، خۇددى كۈمۈش رەڭلىك شايى يېپىلغاندەك كۆرۈنەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.