ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىن ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ ئالدى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك
چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، جاڭ جۇ قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى پىلانلاش، ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ قاتناشتى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى تۈزۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار، قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»دە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئاساسىي نىشانى، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسى ۋە مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنى پىلانلاش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تەكلىپ»كە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىكىر يولى، تەدبىرى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلاشقان يۇقىرى سۈپەتلىك يىرىك پىلاننى تۈزۈپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر پىلانلاپ، يىرىك پىلان تۈزۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، دۆلەتنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىغا جىپسىلىشىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغىنى، ئارزۇسى، ئۈمىدىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، يىرىك پىلاننى شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ئورتاق ئۇلۇغۋار پىلانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىلمىي دەلىللەش بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يۆنىلىش ۋە مۇھىم نۇقتىلارنى ئىگىلەپ، بىر تۈركۈم ئىجادىي تەدبىرلەر ۋە بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىرىك پىلان تۈزۈشنىڭ ئىلمىيلىكى، قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈش بىلەن پۈتۈن دەۋرىيلىك باشقۇرۇشنى جىپسىلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئورۇن بېكىتمىسى دەل جايىدا، چەك - چېگراسى ئېنىق، فۇنكسىيەسى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرتۇتاش جىپسىلاشتۇرۇلغان» يىرىك پىلان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدا كەسىپ چوڭقۇرلۇقى، ئەمەلىيەت كەڭلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشى ھارارىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.






