تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر رەددىيە | بەدەندە قىزىل چېكىت بولسا، جىگەردە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؟

 

 ناتايىن.

   بەدەندە كىچىك قىزىل چېكىتلەرنىڭ بولۇشى جىگەردە مەسىلە بارلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. گەرچە جىگەر كېسەللىكى بەزى ئەھۋاللاردا تېرىدە نورمالسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ (ئۆمۈچۈكسىمان قان تومۇرلار كېڭىيىش)، لېكىن بۇ بىردىنبىر سەۋەب ئەمەس، ھەم دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتىمۇ ئەمەس.

   بەدەندە كىچىك قىزىل چېكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئادەتتە كۆپ خىل ئېھتىماللىقى بار. مەسىلەن، تېرە قىل قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىشى، زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيەسى، تېرە ياللۇغى ياكى سۆسۈن داغ قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تېرىدە قىزىل چېكىتلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كۆپىنچە ئەھۋالدا، بۇ قىزىل چېكىتلەر زىيانسىز بولۇپ، جىگەر كېسەللىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.

   ھەقىقىي جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى ھەمىشە تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، چارچاش، سېرىقلىق (تېرە ياكى كۆز سارغىيىش)، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر بەدىنىڭىزدە قىزىل چېكىت بولغانلىقى ئۈچۈنلا جىگەر مەسىلىسىدىن ئەنسىرىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى ئاسانلىقچە ھۆكۈم چىقارماڭ، كەسپىي دوختۇرلاردىن ياردەم سوراپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  

   ئاپتور: ئىلمىي رەددىيە بېرىش يېڭى تاراتقۇسى

   تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: فېڭ جۈن، دۆلەت دورىگەرلىكى توڭمېي باش دوختۇرخانىسى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.