تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك بىر مەنزىرە رايونى مۇنداق جاكارلىدى: مەنزىرە رايونى ئىچىدە ئۆيلىنىشنى تىزىملاتسا ئۆمۈرۋايەت كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ!​

يېقىندا

تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى

2026 2025-يىللىق قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق كىرىش بېلىتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش «چوڭ سوۋغىسى»نى تەييارلىغان بولۇپ

 كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن ئىبارەت كۆپ خىل ئېتىبار بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

بۇنىڭ ئىچىدە

تىيانشان بوغدا كۆلى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش مەركىزىدە

ئۆيلىنىشنى تىزىملاتقان بىر جۈپلەر

ئۆزىنىڭ كىملىكى ۋە ئۆيلىنىش خېتى بىلەنلا

ئۆمۈرۋايەت كىرىش بېلىتى سېتىۋالمىسىمۇ بولىدۇ

قاردىكى تىيانشان بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى. سۈرەتنى شىنجاڭ بۇغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى تەمىنلىگەن

   بۇ مەنزىرە رايونى يولغا قويغان كىرىش بېلىتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يۈرۈشلۈك تەدبىرلىرى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قىش، ئەتىياز مەزگىلى (2025-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2026-يىل 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە)دە، مەنزىرە رايونى ئىشىك بېلىتىدە 45 يۈەن\ئادەم (قېتىم)لىك ئېتىبار باھا ئىجرا قىلىنىدۇ. بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىردىن يۇقىرى بالىلار ۋە 18 ياشتىن تۆۋەن (18 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم باھالىق بېلەت (ھەر ئادەمگە 22.5 يۈەن) ئېتىبارى يولغا قويۇلىدۇ.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونى يەنە كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش (ئارىلىق ئاپتوموبىلى بېلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى، بۇ ئون نەچچە خىل كىشىلەر توپىغا چېتىلىدۇ.

   مەنزىرە رايونىغا كېلىپ ئۆيلىنىشنى تىزىملاتسا، ئۆمۈرۋايەت كىرىش بېلىتى ئېلىنمىغاندىن باشقا، چاڭبەيشەن بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ پۈتۈن بېلىتى، گۇلاڭيۈنىڭ يەتتە گۇرۇپپا يۈرۈشلۈك بېلىتى، جىمىسار بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرىنىڭ پۈتۈن بېلىتى، جامبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ پۈتۈن بېلەت ئىسپاتى ياكى بېلەت سېتىۋېلىش خاتىرىسى، شۇنداقلا جامبۇلاق ئايرودرومى نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ بېلەت كۆتىكىگە ئاساسەن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا، تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، كۆپ خىل ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدۇ. بالىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ياشانغانلار تۆۋەندىكى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ: ئالتە ياشتىن كىچىك (ئالتە ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياكى بوي ئېگىزلىكى 1.3 مېتىر (1.3 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تۆۋەن بالىلاردىن كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ. 65 ياشتىن ئاشقان (65 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشانغانلاردىن ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ؛ 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ھەمرا بولۇپ ماڭغان بىر قارىغۇچىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

   2-ئەۋلاد مېيىپلىق كىنىشكىسى بار، يەتتە تۈر بويىچە مېيىپلىقنى باھالاشتا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغان مېيىپ كىشىلەر ۋە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بىر قارىغۇچىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ يەتتە تۈر بويىچە مېيىپلىقنى باھالاشتا 4-دەرىجىلىك مېيىپ دەپ باھالانغان مېيىپ كىشىلەرگە قارىتا يېرىم باھالىق بېلەت (ھەر ئادەمگە 22.5 يۈەن) ئېتىبارى يولغا قويۇلىدۇ.

   كۈچكە ئىگە گۇۋاھنامىسى بار خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر، مېيىپ ھەربىيلەر، مېيىپ خەلق ساقچىلىرى، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خادىملىرى (خىزمەتتىكى، پېنسىيەگە چىققان، مېيىپ ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساقچى كىنىشكىسى بار خىزمەتتىكى خەلق ساقچىلىرىدىن كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىق كىشىلەر قىسىم تۈزۈپ تارقاتقان ئالاقىدار كىنىشكىلەرنى كۆرسەتسە، كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

   باشقا ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: دۆلەت ئاخبارات باش مەھكىمىسى ياكى دۆلەت رادىيو ـ كىنو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تارقاتقان مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بارلار؛ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى جەمئىيەت تارقاتقان فوتوگراف، يازغۇچى، خەتتات، رەسساملارنىڭ ئەزالىق كىنىشكىسى بارلار؛ كىملىكىنى ئېلىپ تۇغۇلغان كۈنىدە مەنزىرە رايونىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرى (ئالتە كىشى ئىچىدە)؛ كىملىك، نوپۇس دەپتىرى ۋە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئېلىۋالغان فۇكاڭ شەھىرى ئاھالىلىرى، شۇنداقلا فۇكاڭدا ئۇزاقتىن بۇيان خىزمەت قىلىۋاتقان، تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان «يېڭى فۇكاڭلىقلار».

   مەنزىرە رايونى يەنە ھەر بىر ئادەمگە 100 يۈەنلىك ئايلىق كارتا، 200 يۈەن پەسىللىك كارتا، 300 يۈەن لىك يىللىق كارتا قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىبارلىق كارتا، بېلەتلەرنى يولغا قويۇپ، دائىم مەنزىرە رايونىغا كېلىدىغان كىشىلەرگە زور دەرىجىدە ئېتىبار بېرىدۇ. بىر بېلەت بىلەن ئىككى كۈنلۈك ساياھەت سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، بېلەتنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بېلەت تەكشۈرۈپ مەنزىرە رايونىغا كىرگەن كۈنى ۋە ئەتىسى بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق گۈزەل مەنزىرىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

   مەنزىرە رايونى كارخانا ھەمكارلىقىغا قارىتىلغان بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ. فۇكاڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى مېھمانسارايلار، مېھمانخانىلار، ئائىلىۋى مېھمانخانىلاردا ياتقان ساياھەتچىلەرگە كۈچكە ئىگە ياتاق تالونىغا ئاساسەن مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش بېلىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئۇچۇپ جاھاننى كېزىش. شىنجاڭ مېھمان قوبۇل قىلىش «جۇڭگودا ئۇچۇپ ساياھەت قىلىش بېلىتى»، «ۋۇجياڭ تىيانشان ئارشاڭ ئىستىراھەت شەھەرچىسى ئارشاڭ راسچوت تالونى، تىيانشان بۇغدا كۆلى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ قار تېيىلىش تاختىسىنى ئىجارىگە ئالغان ساياھەتچىلەر ئىشىك بېلىتى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

   «خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىدىن تېخىمۇ ياخشى ھۇزۇرلاندۇرۇپ، مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق، ئەتىيازلىق ساياھىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، فۇكاڭ ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولىمىز» دېدى شىنجاڭ بوغدا كۆلى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىق ـ تەربىيە ، قانۇن ـ نىزام باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لياۋ شيەنچىن.

«ئۈرۈمچى نۆل ئارىلىق»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.