2025-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ قومۇلدا، رەناگۈل قادىر راخماننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەشتە تىكىش ھۈنەر-سەنئىتى توغرىسىدا پىكىرلەشتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئىككىيلەن گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا ئۆگىنىشكە بارغانىدى.
ئۇلار ئادەتتە بىر-بىرىنى رەنا سىڭلىم، قادىر ئاكا دەپ چاقىرىشىدۇ. بۇ ئىككەيلەننىڭ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى كەشتىچىلىك چەمبىرىكىدە خېلى نامى بار.
ئۇ ئىككىسى قومۇلدىكى ئۇيغۇر مىللىتى كەشتىچىلىكىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسى. قادىر يەنە قەغەز قىيما ھۈنىرىگە ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھۈنىرى كەشتىچىلىكتە زۆرۈر بولىدىغان لايىھە نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى قومۇلنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتىچىلىكى ئاساسلىقى يوتقان-كۆرپە، ياستۇق قاتارلىق ئائىلە تۇرمۇش بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىلەتتى، ھازىر بارا-بارا مودا ئېقىم ئامىلىغا ئايلاندى.
ئۇ ئىككىسى كەشتىچىلىك ھۈنەر-سەنئىتىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۆگەنگەن. رەناگۈل ئالتە يېشىدىن باشلاپ كەشتىچىلىكنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئاپىسى ئۇنى جەمەتىنىڭ 4-ئەۋلاد كەشتىچىلىك ۋارىسى قىلىپ تەربىيەلەپ چىققان. سەككىز يىل ئىلگىرى، ئۇ قومۇل كەشتىسىنى شاڭخەيگە ۋە پارىژ مودا كىيىم ھەپتىلىكىگە ئېلىپ بېرىپ نامايان قىلغان. ھازىر، ئۇ ئاساسەن ئالىي دەرىجىلىك زاكازلىق مۇراسىم كىيىمى تىكىدۇ.
قادىرنىڭ چوڭ ئاپىسى، ئاپىسى، ھەدىسىنىڭ ھەممىسى كەشتە تىكىش ماھىرى. شۇڭا ئۇ كىچىكىدىنلا كەشتىچىلىككە ئىشتىياق باغلىغان، كېيىن قومۇل شەھىرى بويىچە بىردىنبىر ئەر كەشتىچىگە ئايلانغان. ئۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، شىركەت ئېچىپ، تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۆگىنىش ۋە ئېكسكۇرسىيەگە بېرىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى مودا ئۆمەكلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ زاكاز قوبۇل قىلىپ، ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
رەناگۈلنىڭ قارىشىچە، كەشتە تىككەنلىك تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيگەنلىك ئىكەن. ئەمما قادىر مۇنداق دېدى: كەشتىچىلىك تۇرمۇش رىتىمىمنى ئۆزگەرتتى، ئۆزۈم تىرىشمىسام، ھېچكىم مەن ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇشنى بېرەلمەيدۇ، مانا بۇ ئەڭ مۇھىم.
باش پىلانلىغۇچى: شياۋ چۇنفېي
نازارەتچىلەر: ماۋ مىڭدۇڭ، دىڭ تاۋ، شۆ جىڭ، جيې ۋېنجىن
بىرتۇتاش پىلانلىغۇچى: ۋاڭ چىمىڭ
سېنارىست : ۋاڭ چىمىڭ
ئوپېراتور: جامبولات ماناربېك
كىرىشتۈرگۈچى: ئايشەمگۈل ئابلا
تەرجىمان: سۇڭ دۇئېر
چەت ئەل تىلى كوررېكتورلىرى: چېڭ لى، ۋاڭ شيابىڭ، جاڭ شىجيې
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






