

جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئارقا - ئارقىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى قوشتى.
— شۇ جاي ۋاقتى 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇشۇنداق تەكىتلىدى






