تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ»

− قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملار ۋە تاراتقۇ زاتلىرى ۋەكىللىرى شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي، پىراكتىكانت مۇخبىر ليۇ دەن

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملار ۋە تاراتقۇ زاتلىرى ۋەكىللىرى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىدە شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

«شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ».

«شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى تېخنىكىسىنىڭ دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن ياردىمى ناھايىتى زور».

...

قىسقىغىنا بەش كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى.

«شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئاسان ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.» شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قازاقىستان «قازاقىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ قۇرغۇچىسى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى ۋالېرى سۇرگانوۋ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى: «بۇ مېنىڭ 3 - قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىشىم، ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆزگىرىشنىڭ ناھايىتى زورلۇقىنى ھېس قىلدىم. شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۇسۇلى ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمنى خەۋەر شەكلى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ھەمبەھرىلەپ، كۆپچىلىككە ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشەندۈرىمەن».

10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە سارىيىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان كىشىلەر توپى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كىشىلەر توپىغا قوشۇلۇپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات تومۇر سوقۇشىنى ھېس قىلدى.

«مەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىگە ئىنتايىن قىزىقىمەن، شىنجاڭغا كېلىشتىن بۇرۇن، مەن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق شىنجاڭنى ئازراق چۈشەندىم، لېكىن مەن نەق مەيدانغا بېرىپ چۈشىنىشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.» ئەزەربەيجان نوپۇزلۇق ئاقىللار ئامبىرى خەلقئارا مۇناسىۋەت تەھلىل مەركىزىنىڭ ئالىمى ھۈسەيىن سۇلتانلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، بولۇپمۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئارقىلىق مەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ناھايىتى ئەتراپلىق ئىكەنلىكىنى، مەدەنىيەت ساھەسى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپلا قالماي، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەر تەرەققىياتىنىڭمۇ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.

«مەن شىنجاڭغا يەنە كېلىمەن.» ھۈسەيىن سۇلتانلى مۇنداق دېدى: مەن ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمغا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا تارتقان سۈرەتلەرنى ھەمبەھرىلىدىم، ھەممەيلەن شىنجاڭنى ناھايىتى قالتىس جايكەن دەپ قاراشتى، «ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگو ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ ئەزەربەيجاندىن جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

ماڭغاچ كۆردى، ئويلاندى، ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ سەپەر كۈنتەرتىپى زىچ، ھاسىلاتى مول بولدى. ئۇلار ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى خېيجياسەن كوچا باشقارمىسى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسى، قەشقەر داشۆ قاتارلىق جايلاردا شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق جەھەتتىكى ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى؛ شىنجاڭ مۇزېيى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە شىنجاڭنىڭ خاس مىللىي ئۆرپ - ئادىتى ۋە كۆپ خىل مەدەنىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى؛ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى كۆرگەزمە باغچىسى، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىدا، شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا كۈچىنى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد تومۇرىنى ھېس قىلدى؛ شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنى، قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتىدە دىنىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

تۈركىيە ئىستانبۇل گەيدىك داشۆسىنىڭ لېكتورى، قوشۇمچە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ۋە قوللىنىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەبىر قارابەل ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولغاندا، ئۇنىڭدا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يۆجىنگەي كوچىسى جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى بىر پونكىت شەكىللىك مۇلازىمەت زالى بولدى. بۇ يەردە گۇڭئەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى مۇلازىمىتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆزنەكلەر بار بولۇپ، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى بولسا، يېقىن ئەتراپتا بېجىرەلەيدۇ. مۇلازىمەت زالى پاكىز، تەرتىپلىك، خىزمەتچى خادىملارنىڭ مۇلازىمىتى قىزغىن بولۇپ، قوشنىلار ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلسىمۇ، بۇ يەرگە كېلىپ مۇرەسسە قىلالايدۇ، بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىدە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئارگېنتىنادىكى داڭلىق ئاقىللار ئامبىرى باراۋەرلىك ۋە ئېشىش ئاممىۋى سىياسەت مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت تۈرىگە مەسئۇل مۇدىرى داۋىد گروسمان ھاياجانلانغان ھالدا: «جۇڭگو شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەر ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىن ئېشىپ كېتىپتۇ، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز باشتىن - ئاخىر ھەيرانلىق ۋە خۇشاللىققا تولدى» دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.