− ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگوۋ بازىرى ياۋزەنزە كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى توغرىسىدا
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن
10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە يامغۇر ئارىلاش قار ياغدى، قار بىپايان ئېتىزلارغا ئۇچقۇنداپ چۈشۈپ، بىخ سۈرۈۋاتقان كۈزگى بۇغدايلارنى ئوزۇقلاندۇردى.
گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ بەنجېگوۋ بازىرىدا نامى يىراقلارغا تارقالغان ياۋزەنزە كەنتى بار. بۇ كەنت مەملىكەت بويىچە مەدەنىي كەنت، مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك كەنت قاتارلىق شان - شەرەپلەر بىلەن داڭق چىقىرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش - بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈش، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق بېيىش تەسىرلىك مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. يېقىندا ياۋزەنزە كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى.
نۇرغۇن ئادەتتىكى كەنتلەرگە ئوخشاش، ئىلگىرى ياۋزەنزە كەنتىدە يەرلەر تارقاق بولۇش، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش مەسىلىسى ساقلانغانىدى. «ئەينى چاغدا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەرلىرى خۇددى ياماق سېلىنغاندەك ئىدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ھەيدەشمۇ قىيىنغا چۈشەتتى.» ئېتىز قىرىدا تۇرغان ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تاڭ پېيكې چىغىر يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن سالا ئېتىزلارنى كۆرسەتكىنىچە ئەسلەپ شۇنداق دېدى.
ئۆزگىرىش 2009 - يىلى باشلاندى. كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ياۋزەنزە كەنتى گۇچۇڭ ناھىيەسى فېڭيۈ يېزا ئىگىلىك مۇلازىمىتى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، پارچە - پۇرات يەرلەرنى بىرىكتۈرۈپ 10 مىڭ مولۇق سالا ئېتىز بەرپا قىلىمىز، دېگەن قارارنى دادىللىق بىلەن چىقاردى.
ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى بىرتۇتاش سېتىۋالدى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن بىرتۇتاش مەشغۇلات قىلدى، ئاشلىق تېرىش ماھىرلىرىنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، بۇنىڭ بىلەن تەننەرخ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆستى. يۇرتداشلارنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاشلىق تېرىش ماھىرلىرى «بىرگە بىر ياردەم بېرىش» قوشماقلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
«كەنتىمىزدە 160 مىڭ مو يەردىكى بۇغداينى تېرىشتىن يىغىۋېلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريان ماشىنىلاشتى، يېشىل ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پۈتۈن زەنجىرى تولۇق قاپلىدى، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 620 كىلوگىرامغا يەتتى.» ياۋزەنزە كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ لۇڭنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئىشەنچكە تولغان غەيرەت - شىجائەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.
يەرلەرنى بىرىكتۈرۈشتىن باشلانغان بۇ بېيىش يولى پۈتۈن كەنت ئاھالىلىرىنى زىچ ئۇيۇشتۇردى.
ياۋزەنزە كەنتىدىكىلەر نوقۇل تېرىقچىلىق بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالمىدى، كۆپچىلىك بۇغداي كەسپىگە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئورگانىك تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېرىش، پىششىقلاش، سېتىش ۋە يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت بىر گەۋدىلەشكەن مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى.
ياۋزەنزە كەنتىنىڭ دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى − جامبۇلاق مەنزىرە رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 18 كىلومېتىرلا بولۇپ، ساياھەتچىلەر بۇ مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا جەزمەن بۇ كەنتتىن ئۆتەتتى.
2019 - يىلى، ياۋزەنزە كەنتى يەنە بىر قېتىم ئاچقۇچلۇق قەدەم ئېلىپ، شىنجاڭ فېڭيى مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. ئۇلار جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا تايىنىپ، بۇغداي مۇزېيى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىي مەشىق بازىسى، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا قۇرۇپ، دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. ئىلگىرىكى ئېتىزلارنى ساياھەتچىلەرنىڭ داكا نۇقتىسى، تەتقىقات - ئۆگىنىش ساياھىتى بازىسىغا ئايلاندۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى.
2024 - يىلى، بۇ ئاۋات كەنت 145 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى، ساياھەت كىرىمى 30 مىليون يۈەن بولدى. 2024 - يىلى كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي كىرىمى 5 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 30 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى. بۇ مول ھاسىلات ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنىڭ ئورتاق جەۋھىرى.
ياۋزەنزە كەنتىنىڭ روناق تېپىشى ماددىي جەھەتتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىۋى قاتلامدا ئىپادىلەندى. كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.
«كەنتتە گۈلخان كېچىلىكى، تاشئالما چېچىكى بايرىمى، مول ھوسۇل بايرىمى قاتارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى پائال ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش چوڭ سەھنىسىگە ئايلاندى» دېدى ياۋزەنزە كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ چاڭخۇي.
كەنت مەدەنىيەت مەيدانىدا ھەر يىلى 30 مەيداندىن ئارتۇق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى پونكىتى تەشكىللىگەن پىدائىيلىق مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىر مەقسەتتە تېخىمۇ زىچ ھەمكارلاشتى، كىمنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۇلار شۇ ئائىلىگە ياردەم بەردى.
ياۋزەنزە كەنتى يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ئائىلە» قاتارلىق باھالاش پائالىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، يېنىدىكى ئۈلگىلەرنىڭ تەسىرى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، «ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەيدىغان، ھەممە كىشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان» قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى.
2021 - يىلى 12 - ئايدا، ياۋزەنزە كەنتى «ياۋزەنزە كەنتىنىڭ جەمئىيەت رىغبەتلەندۈرۈش ھەم پاراۋانلىق تۈزۈمى»نى تۈزۈپ، كەنتتىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، چوڭ ياشلىق ياشانغانلار، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق كىشىلەر توپىغا ھەر يىلى 1000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمدە ياردەم پۇلى ياكى مۇكاپات پۇلى بېرىشنى قارار قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئېلىپ كەلگەن پايدىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
«كەنتىمىز بىر چوڭ ئائىلە، قايسى مىللەتتىن بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى. كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ كەنتنى ياخشى گۈللەندۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن كۆپچىلىكنى تەڭ بەھرىمەن قىلىمىز.» تاڭ پېيكېنىڭ سۆزى ياۋزەنزە كەنتىدىكى بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى.
يەرلەرنى بىرىكتۈرۈش پارچە - پۇرات يەرلەرنى مول ھوسۇللۇق ئېتىزغا ئايلاندۇردى، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كەنتنى چوڭ ئائىلىگە ئايلاندۇردى. ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن «ئارا ئۆتەڭ» نامى بىلەن ئاتالغان بۇ كەنت بۈگۈنكى كۈندە ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى ئورتاق بېيىپ ھەقىقىي تۈردە «قەددىنى رۇسلىغان» كەنتكە، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى ئورتاق «ئائىلە»گە ئايلاندى.






