□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن
شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ قېزىش خەرىتىسىدە، بىر توپ ئالاھىدە «نېفىت ئېلىش ئىشچىلىرى» ئاستا - ئاستا ئىش ئورنىغا چىقماقتا، ئۇلار كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، ئەسلىدە كاۋچۇك لېيىغا ئوخشايدىغان قويۇق نېفىتنى «جانلاندۇرۇپ»، قۇدۇق ئېغىزىغا جىمجىت ئاققۇزالايدۇ.
«بۇ ئىككى بوتۇلكا نېفىتقا قاراڭ!» 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ نېفىتلىك چارلاش - ئېچىش تەتقىقات ئورنىنىڭ نېفىت ئېلىش نىسبىتى تەتقىقات ئورنى قويۇق نېفىت تۈرى گۇرۇپپىسىنىڭ تۈر باشلىقى ليۇ شياۋلى قولىدا سۈزۈك ئەينەك بوتۇلكىدىن ئىككىنى كۆتۈرۈپ مۇخبىرغا كۆرسەتتى. سول قولىدىكى بوتۇلكىدا قويۇق نېفىت ئەۋرىشكىسى بولۇپ، بوتۇلكىنى ئۆرۈپ چايقىسىمۇ قويۇق نېفىت شۇ پېتى مىدىرلىماي تۇراتتى؛ ئوڭ قولىدىكى بوتۇلكىدىكى نېفىت قەتئىي ئوخشىمايدىغان بولۇپ، مىكرو ئورگانىزم پارچىلىغاندىن كېيىن، ئۇ خۇددى سۈزۈك سۇدەك سىلىق بولۇپ، يېنىك چايقىسىلا بوتۇلكا دىۋارىنى بويلاپ ئايلىناتتى.
«ئەجەبا مىكرو ئورگانىزم <نېفىت يەمدۇ>؟» مۇخبىر قىزىقىپ سورىدى.
«ئۇلار نېفىت <يېمەيدۇ>!» ليۇ شياۋلى كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشەندۈردى: ئاچقۇچلۇقى ئۇلارنىڭ «چىقىرىندىسى» − مىكرو ئورگانىزمنىڭ مېتابولىزمىدىن ھاسىل بولغان ئاجرالمىلار قويۇق نېفىتنى پارچىلاپ، ئېمۇلسىيەلەشتۈرۈپ، قويۇق نېفىتنى سۇيۇلدۇرىدۇ، بۇنداق بولغاندا نېفىتنى ئاسانلا ئالغىلى بولىدۇ.
مانا بۇ شىنجاڭ نېفىتلىكىدە ئىجادىي قوللىنىلغان مىكرو ئورگانىزمدىن پايدىلىنىپ سوغۇق نېفىت ئېلىش تېخنىكىسى.
شىنجاڭ نېفىتلىكىدىكى قويۇق نېفىتتا سىكلوئالكىل تەركىبىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %60تىن ئاشىدۇ، ئۇنى نېفىت ئىچىدىكى «سىرەك توپا» دېيىشكە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ھەربىي سانائەت، ئاۋىياتسىيە ساھەسى جىددىي ئېھتىياجلىق ئالاھىدە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى چەككىلەپ چىققىلى بولىدۇ. لېكىن بۇ قويۇق نېفىتنىڭمۇ ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر كەمچىلىكى بار: يېپىشقاقلىقى بەك يۇقىرى بولۇپ، نورمال تېمپېراتۇرىدا قېتىپ خۇددى مومدەك بولۇپ قالىدۇ، ئۇنى يەر ئاستىدىن «تارتىپ» چىقىرىش ئىنتايىن مۈشكۈل.
بۇ قويۇق نېفىتنى «بويسۇندۇرۇش» ئۈچۈن، شىنجاڭ نېفىتلىكى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپلا ئامال ئىزدىگەن: ئالدى بىلەن «پار ئارقىلىق سۈمۈرۈپ چىقىرىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يەر قاتلىمىغا يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق پار كىرگۈزۈپ، قويۇق نېفىتنى «دۈملەپ» يۇمشىتىپ ئاندىن ئالدى؛ كېيىن يەنە «ئوت بىلەن ھەيدەش تېخنىكىسى»نى سىناق قىلىپ، نېفىت قاتلىمىدا ئوت يېقىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىپ، قويۇق نېفىتنى ئاقىدىغان قىلدى.
بۇ چارىلەر گەرچە ئۈنۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن نېفىتلىك «چوڭ ئاشقازان شاھى»غا ئوخشايتتى − پەقەت پار ئارقىلىق سۈمۈرۈپ چىقىرىش تېخنىكىسىغىلا ھەر يىلى زور مىقداردا تەبىئىي گاز سەرپ بولاتتى.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شىنجاڭ نېفىتلىكى كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى باشلامچى قىلىپ، مىكرو ئورگانىزمدىن ئىبارەت بۇ «مۇھىت قوغداش كىچىك ماھىرى»دىن پايدىلىنىپ، قويۇق نېفىت ئېلىشتا ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئاغرىق نۇقتىنى ھەل قىلدى.
قىزدۇرۇپ ئېلىش تېخنىكىسىغا سېلىشتۇرغاندا، مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق سوغۇق ئېلىش تېخنىكىسى ھەقىقەتەن «تۆۋەن كاربونلۇق ئۈلگە» ھېسابلىنىدۇ: يېقىلغۇ كۆيدۈرۈپ پار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق، مىكرو ئورگانىزملار يەر ئاستىدا «خىزمەت» قىلغاندا، يەنە كاربون (تۆت) ئوكسىدى قاتارلىق پارنىك گازلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىدۇ، بۇنىڭدا ھەم مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، ھەم نېفىت ئېلىشنىڭ ئېكولوگىيەگە بولغان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ نېفىتلىكىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا 100 خىلدىن ئارتۇق مىكرو ئورگانىزم باكتېرىيەسى يېتىشتۈرۈلدى، دائىم ئىشلىتىلىدىغانلىرىدىن ساختا يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە، ئىسپورىلىق تاياقچە باكتېرىيە، قىزىل شارچە باكتېرىيە، مېتان ئىشلەپچىقىرىدىغان باكتېرىيەدىن ئىبارەت بۇ «تۆت چوڭ جىنگاڭ» بار بولۇپ، ھەربىر خىلىنىڭ ئۆزىنىڭ «خاس ئالاھىدە ماھارىتى» بار:
− ساختا يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە رامنوزا ياغ ماددىسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ ماددىلار خۇددى يۇيۇش سۇيۇقلۇقىغا ئوخشاش، تاغ جىنسلىرىغا چاپلىشىپ قالغان قويۇق نېفىتنى «يۇيۇپ» ئاجرىتالايدۇ؛
− ئىسپورىلىق تاياقچە باكتېرىيەنىڭ ئىقتىدارىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ مېتابولىزمىدىن ھاسىل بولغان بىيولوگىيەلىك ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ياغ پېپتىدى ئوخشاشلا «نېفىت يۇيۇش ماھىرى» ھېسابلىنىدۇ؛
− قىزىل شارچە باكتېرىيەسى «ئۇيۇشۇش»نى ياخشى كۆرىدۇ، بىر توپ باكتېرىيە بىر يەرگە يىغىلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ مېتابولىزمىدىن چىققان قەنت ئاقسىلى چوڭ مولېكۇلاسى قويۇق نېفىتنى ئېمۇلسىيەلەشتۈرۈپ، ئۇنى «قاتتىق مونەك»تىن «سۇيۇقلۇق»قا ئايلاندۇرىدۇ؛
− مېتان ئىشلەپچىقىرىدىغان باكتېرىيە بەكرەك «ناسوس»قا ئوخشايدۇ، ئۇ مېتابولىزم ئارقىلىق كاربون (تۆت) ئوكسىدى، مېتان چىقىرىدۇ، بۇ گازلار نېفىت زاپىسىدىكى بوشلۇقنى لىق تولدۇرغاندىن كېيىن، يەر قاتلىمىغا ئۈنۈملۈك «ئېنېرگىيە تولۇقلاپ»، قويۇق نېفىتنى قۇدۇق ئېغىزىغا ھەيدەيدۇ.
بۇ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ «ئىش ئورنىغا چىقىش تەرتىپى» مۇنداق: پەن تەتقىقات خادىملىرى ئاۋۋال تەجرىبىخانىدا باكتېرىيە ئۇرۇقىنى «بېقىپ كۈچلەندۈرىدۇ»، ئاندىن مەخسۇس ئېچىتىش زاۋۇتىغا يۆتكەپ «قوشۇننى كېڭەيتىدۇ»، ئەڭ ئاخىرىدا سۇ بېرىش قۇدۇقى ئارقىلىق ئۇلارنى يەر ئاستى نېفىت زاپىسىغا يەتكۈزىدۇ. بۇ مىكرو ئورگانىزملار يەر ئاستىدا ئىككى - ئۈچ ئاي كۆپەيگەندىن كېيىن، قويۇق نېفىتنى «ئېلىش»قا ياردەم بېرەلەيدۇ.
لېكىن، ھازىر مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق سوغۇق ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ يەنە بىر كىچىك «كەمچىلىكى» بار − قىزدۇرۇپ ئېلىش تېخنىكىسىغا سېلىشتۇرغاندا تەننەرخى يۇقىرى، شۇڭا شىنجاڭ نېفىتلىكى ئالدى بىلەن ئۇنى «دەل جايى»غا ئىشلەتتى: قىزدۇرۇپ ئېلىش تېخنىكىسى ئارقىلىقمۇ ئالالمىغان قالدۇق قويۇق نېفىتنى ئېلىشقا، يەنى قويۇق نېفىتنى قېزىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدىكى «قىيىن مەسىلە»نى ھەل قىلىشقا مەخسۇس ئىشلەتتى، بۇنىڭدا ھەر يىلى 10 مىڭ توننىدىن ئارتۇق نېفىتنى كۆپ ئالغىلى بولىدۇ.
مۇھىت قوغداش ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولغان بۇ خىل نېفىت ئېلىش تېخنىكىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ نېفىتلىكى يەنە مەخسۇس مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق نېفىت ئېلىش تېخنىكىسى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنى چارە - تەدبىر كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلدى. شىنجاڭ نېفىتلىكى «ئاۋۋال ئاسىنىغا، ئاندىن قىيىنىغا تېگىش قىلىش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش» پىرىنسىپى بويىچە، مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق نېفىت ئېلىش خىزمىتىنى پائال ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، پۇختا ئالغا سىلجىتتى.






