□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو چيەن
11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، سەھەردىكى قۇياش نۇرى تۇرپاننىڭ ئۆزگىچە قۇرغاق ھاۋاسىدىن ئۆتۈپ، بىر خىزمەت بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا چۈشۈپ تۇراتتى. ئىلگىرىكى كۈنلەردىكى جىمجىتلىققا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، بۈگۈن بۇ جاينى ئۈمىد بىلەن جىددىيلىك گىرەلىشىپ كەتكەن كەيپىيات قاپلىغانىدى. رەتلىك كىيىنگەن بىر توپ ياش قولىدا ماتېرىيال كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كۈتۈۋاتقىنى بىر مەيدان ئادەتتىكى يۈزتۇرا ئىمتىھان بولماستىن، بەلكى بىر قېتىملىق كىشىلىك ھايات يولىنى ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەت − 2025 - يىلى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ شىنجاڭ تۇرپان تەۋەلىكىدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى مەخسۇس قوبۇل قىلىش يۈزتۇرا ئىمتىھانى ئىدى.
ئىمتىھان مەيدانى ئىچىدە، خۇنەندىن كەلگەن ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ گەپ - سۆزلىرى ئىللىق بولۇپ، كۆزلىرى ئۈمىدكە تولغانىدى؛ ئىمتىھان مەيدانى سىرتىدا، قوبۇل قىلىشقا قاتنىشىدىغانلار قەلبىگە ئارزۇسىنى پۈكۈپ، تېخىمۇ كەڭ مەنزىلگە تۇتىشىدىغان ئىشىكنى ئېچىشقا تەييارلانغانىدى.
بۇ قېتىمقى يۈزتۇرا ئىمتىھاننىڭ باش ئىمتىھان ئالغۇچىسى خۇنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن تاڭ بىنخۇا بولۇپ، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئارىلىقىدا مۇخبىرنىڭ قىسقا زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ كۆرۈشۈپلا مۇنداق دېدى: «ئەتىگەندە يۈزتۇرا ئىمتىھان بەرگەن ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى خېلى ياخشى ئىكەن، ئارىسىدا يەنە بىر نەچچىسى ناھايىتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىكەن».
2024 - يىلىدىن باشلاپ، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بارلىق كەسپىي ئورۇنلار ھەر يىلى 20 ئىش ئورنىنى ئاجرىتىپ، شىنجاڭ تۇرپان تەۋەلىكىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە يۈزلەنگەن نىشانلىق قوبۇل قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇ سىياسەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى مەبلەغ، تۈرنى ئاساس قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئەندىزىنى بۇزۇپ تاشلاپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «جەلپ قىلىش شەكلى»دە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئامما بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ سىڭىشمە تەرەققىياتى ۋە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.
«ئىلگىرى خۇنەن تۈر، مەبلەغ ئېلىپ كەلگەن، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. ھازىر، بىز <پۇرسەت> ۋە <كەلگۈسى>نى ئېلىپ كېلىشنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمىز. كەسپىي ئىشتاتلىق ئىش ئورنى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىگەنلىكنىڭ ئۆزى تۇرپاندىكى مۇنەۋۋەر ياشلارنى مۇقىم بولغان باشلىنىش نۇقتىسىغا ئىگە قىلغانلىق، بۇ، ئۇزاق مەزگىللىك ۋەدە» دېدى تاڭ بىنخۇا.
كەسىپ جەھەتتىن ماس كېلىشتىن باشقا، ئىمتىھان ئالغۇچىلار يۈزتۇرا ئىمتىھان جەريانىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى. تاڭ بىنخۇا مۇنداق دېدى: «بىز ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشنى ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى، خۇنەن بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بولۇشنى خالايدىغان - خالىمايدىغانلىقىنى بىلمەكچى. بىزنىڭ تاللاۋاتقىنىمىز نوقۇل خىزمەتچى خادىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەدەنىيەت ئەلچىلىرى».
24 ياشلىق ئاراپات مەخمۇت نۇرغۇن ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بىرى. يۈزتۇرا ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىشەنچ نۇرلىرى چاقنىدى.
«بىر ھەپتىدىن بۇيان مەن ھەر كۈنى دەككە - دۈككىدە بولدۇم، ھاياجانلاندىم، ئۈمىدكە تولدۇم ھەم ئەندىشە قىلدىم.» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تاكى ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ، خۇنەنلىك ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرگەن چېغىمدىلا، كۆڭلۈم ئاندىن ئارامىغا چۈشتى».
ئاراپات داشۆنى خۇنەندە ئوقۇغان، بۇ قېتىم ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىلىق ئىش ئورنىنىڭ تەلىپى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ماس كېلەتتى، ئۇ كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئارزۇ - ئىستەك بىلەن مۇنداق دېدى: «ئەگەر قوبۇل قىلىنىپ قالسام، مەن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ ۋە ئۆگىنىپ، ئانارنىڭ بىر تال دانىسى بولۇپ، شۇ جايدا يىلتىز تارتىمەن».
«سىز خۇنەنگە نېمىلەرنى ئېلىپ بارالايسىز» دەپ سورىغاندا، ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن: «مەن تۇرپاننىڭ قۇرۇق ئۈزۈمىنى خۇنەندىكى خىزمەتداشلىرىمغا ئېلىپ بارىمەن، يەنە ئۇلارغا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن. مەن كەلگۈسىدە خۇنەندىكى ئىدارىدە بىر خىزمەتچى خادىم بولۇپلا قالماي، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان كۆزنەك بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەردى.
تۇرپان شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى كەسىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ياڭ يەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى نىشانلىق خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى جەلپ قىلدى. «بۇ ياشلار ناھايىتى ھاياجانلاندى، تىزىمغا ئالدۇرۇشقىلا 300دىن ئارتۇق ئادەم كەلدى.» ياڭ يەن مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش مۇنداق بىر كۈچلۈك سىگنالنى تارقاتتى: دۆلەت ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى ئۇلارغا كەڭ قۇچاق ئاچتى. بۇ، <قان ئىشلەش> شەكلىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ جانلىق ئىپادىلىنىشى».
خۇنەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھېسسىياتى بىلەن شىنجاڭ ياشلىرىنىڭ كۈرەش ئارزۇسى بۇ كىچىككىنە ئىمتىھان مەيدانىدا ئورتاق سادا شەكىللەندۈردى. بۇ بىر مەيدان تەكلىپ قىلىش يۈزتۇرا ئىمتىھانى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك، كەلگۈسىگە قاراپ ئورتاق ئاتلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىللىق ھېكايىنىڭ باشلىنىشى بولدى. 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئارىلىق بىر مەيدان سەمىمىي تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق قىسقاردى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بۇ سوئال - جاۋابلار داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.






