تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئەمەلىي كۈچ، ئەۋرىشىم كۈچ، جەڭگىۋار كۈچ

□ شىن شىجيەن

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 556 مىليارد 823 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى. بۇ كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلساق، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى بىر خىل پۇختا، سالماق بولغان «ئەمەلىي كۈچ»، ئېگىلمەس - سۇنماس «ئەۋرىشىم كۈچ»، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق «جەڭگىۋار كۈچ» ئارقىلىق ئاساسى مۇقىم، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، سۈپىتى يېتەرلىك بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مەنزىرىسىنى نامايان قىلماقتا.

بۇ «ئەمەلىي كۈچ» ئۈچ كەسىپنىڭ پۇختا ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولى گەۋدىلەندى، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، خاس باغۋەنچىلىكنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتاندىن چىقىرىلىش مىقدارى مۇقىم ئاشتى، ئېتىزلاردىكى جاپالىق ئەجىر ئاساسىي ھالەتنى مۇقىملاشتۇردى؛ سانائەتنىڭ «نېگىزلىك مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق قۇۋۋىتى تولۇپ تاشتى، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مۇقىم، كۈچلۈك بولدى، رەڭلىك مېتال خىمىيە سانائىتى قاتارلىقلار ماس كۈچىدى، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنىڭ «سۈپەت»نى ئۆستۈرۈپ، «يېڭى بولۇشقا ئۆتۈش» قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى، سېخ، زاۋۇت ئۆيلىرىدىكى ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈيىنى ياڭراتتى؛ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك بولدى، يولۇچى - يۈك تىرانسپورتى راۋان، بازار ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى. 1 - كەسىپ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، 2 - كەسىپ بىرقەدەر تېز ئېشىپ، 3 - كەسىپ مۇقىم ئېشىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىنىڭ مۇستەھكەم تەگلىكىنى ئورتاق پۇختىلىدى.

بۇ «ئەۋرىشىم كۈچ» ئىچكى - تاشقى ئېھتىياجنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچىدە نامايان بولدى. مەبلەغ سېلىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ»ىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.3 ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 7.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلىدى. سانائەت سېلىنمىسى ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولۇپ، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدىكى قىزغىن مەنزىرە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ - قۇۋۋەت توپلىدى؛ ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى «ئاساسىي موتور» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇقىم ئېشىشتا يارقىن نۇقتا كەم بولمىدى، ياخشىلاش تىپىدىكى ئىستېمال ئۈزلۈكسىز جانلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ، شەھەر - يېزا بازارلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى سىجىل قوزغىتىلىپ، ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارنى چوڭقۇر قېزىش، مەنبەنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت غايەت زور ئېلاستىكلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ تۈگىمەس ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ بوران - چاپقۇن ۋە خىرىسلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى كۈچلۈك كاپالىتىنى شەكىللەندۈردى.

بۇ «جەڭگىۋار كۈچ» يېڭى قۇۋۋەتنىڭ كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىدىن ئۇرغۇپ چىققان. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر سېلىنمىسى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەت كەسپى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تېز يۇغۇرۇلۇپ، تەرەققىيات ئۈنۈمى ۋە سۈپىتى يېتەرلىك بولدى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇدى؛ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش قەدىمى قەتئىي بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش نىسبىتى ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل «يېشىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» قوشتى. قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەشتىكى بۇ «جەڭگىۋار كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشى، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى ئۈچۈن كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشتى.

«ئەمەلىي كۈچ» ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش، «ئەۋرىشىم كۈچ» ئارقىلىق تىرەك بولۇش، «جەڭگىۋار كۈچ» ئارقىلىق يۈكسىلىش، بۇ «ئۈچ كۈچ» ماس كۈچ چىقىرىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ «ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشى»دىن ئىبارەت قالتىس جاۋاب قەغىزىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى. بۇ كۆتۈرەڭگۈ «كۈچ» ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولۇشىدىن بولغان، شۇنداقلا تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىلگىرىلەش يولىغا نەزەر سالساق، بىز باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سىياسەت، بايلىق، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرساقلا، چوقۇم پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تاماملاپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىدىكى قەدىمى مۇقەررەر تېخىمۇ پۇختا بولىدۇ، سۈپىتى تېخىمۇ يېتەرلىك بولىدۇ، ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.