تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشەنچى يېتەرلىك بولدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا بىرقەدەر ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئىشەنچ قوشتى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 396 مىليارد 802 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان. شىنجاڭنىڭ پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار، مېۋە - چېۋە تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلىدا «قوش ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنى قوتاندىن چىقىرىش مىقدارى مۇقىم ئاشقان، 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 195 مىليارد 971 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشقان.

ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاساس پۇختىلاندى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، «كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش» خىزمەت پىكىر يولى ھەم «بۇغداينى مۇقىملاشتۇرۇش، قوناقنى كېڭەيتىش» يولى بويىچە، ئاشلىق تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ، مېۋە بىلەن ئاشلىق كىرىشتۈرۈپ تېرىلىدىغان تۆۋەن ھوسۇللۇق ئېتىزلارنى ئازايتىپ، دىققەتنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ۋە قوناق قاتارلىق يۇقىرى ھوسۇللۇق كۈزلۈك ئاشلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا سۈپەت - ئۈنۈمگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، ئومۇمىي ھوسۇل 6 مىليون 840 مىڭ توننىغا يېتىپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 411.5 كىلوگىرام بولۇپ، مو بېشى ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن 11.1 كىلوگىرام ئېشىپ، بىرلىك ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى، ئېشىش سۈرئىتى بىردەك مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا تۇردى. كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن، غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي تارقالدى.

يېقىندا، يەكەن ناھىيەسىنىڭ پەكىچى يېزىسىدىكى ئېڭىز قونىقى «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» بويىچە كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇش ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزلىرىدا مول ھوسۇل خۇشال كۈتۈۋېلىندى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچىشى ئارقىلىق، بۇ يەردىكى ئېڭىز قونىقىنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 1037.17 كىلوگىرامغا يېتىپ، شۇ جاينىڭ ئېڭىز قونىقىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتى يېڭىلانغان.

«ئېڭىز قونىقىنىڭ بىرلىك ھوسۇلى بىر توننىدىن ئاشتى، ئىلگىرى بۇنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق.» پەكىچى يېزىسىدىكى قوناق تېرىقچىلىقى ئائىلىسى رەناگۈل ئەخەت مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى تېخنىكىنى ئېتىز باشلىرىغىچە يەتكۈزدى، ئەلا سۈپەتلىك قوناق سورتىغا يېڭىچە ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قوشۇلۇپ، قوناقنىڭ بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تىرەك قىلىپ، مۇۋاپىق دەرىجىدە زىچ تېرىشنى ئاساس قىلىپ تېخنىكىنى كېڭەيتىپ، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، دەل جايىدا تەڭشەش - كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازدى. ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 59 مىليون 890 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، %80تىن ئارتۇق بۇغداي، قوناق يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزغا تېرىلىپ، بۇغداي، قوناق قاتارلىق زىرائەت ئەلا سورتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، يىغىشنى ئۇنىۋېرسال ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسىنى پائال تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۆستۈرۈش تېخنىكا لايىھەسىنى تۈزۈپ، بۇغداينىڭ قۇر ئارىلىقىنى تارايتىپ زىچلىقىنى ئاشۇرۇش، ئاساسىي غولىدىن باشاق تۇتقۇزۇش ۋە قوناقنى زىچ تېرىپ، سۇ بىلەن ئوغۇتنى دەل جايىدا تەڭشەش - كونترول قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتتى، بۇ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ھوسۇلىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئاشۇرۇشقا تەسىر كۆرسەتتى، تۈرتكە بولدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزلۈك ئاشلىق يىغىۋېلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتىن ئۈمىد بار.

سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى، خاسلىق گەۋدىلەندۈرۈلدى

شىنجاڭ ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ خۇش ھىدىمۇ ھەر تەرەپكە تارالدى.

كۈز كىرگەندىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسىدىكى خاس زامانىۋى خەلقنى بېيىتىش كەسىپلەر باغچىسىدا، مەي باغلاپ پىشقان ئالمىلارنىڭ خۇش ھىدى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى، شاخلاردىكى قىپقىزىل مېۋىلەر مول ھوسۇل شادلىقىغا جور بولۇپ تۇراتتى.

«كۆلىمى 18 مىڭ مو كېلىدىغان بۇ مېۋىلىك باغ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېرىم پاكارلىتىپ زىچ ئۆستۈرۈلگەن ئالما ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئايلاندى.» بازىنىڭ مەسئۇلى مياۋ جىگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يەر ئىلگىرى چۆللۈك ئىدى، بۇ جاي پاكارلىتىپ زىچ ئۆستۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ۋە مو بېشى ئوتتۇرىچە ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. «چىنسۈي» «رۇيشۆ» قاتارلىق يېڭى سورتلارنىڭ ئېتىز بېشىدىكى سېتىلىش باھاسى ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئون يۈەندىن يۇقىرى بولۇپ، ئاساسلىقى شاڭخەي بازىرىدا سېتىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ تولىمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن ئىبارەت قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن باغ - ئورمانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باغ - ئورمان ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۈجۈپىلىشىش، ئۆلچەملىشىش، يېشىللىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، تاۋار مېۋە نىسبىتىنىڭ %86 تىن يۇقىرى بولۇشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئېكسپورتنى كېڭەيتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا مېۋە ئېكسپورتى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان مېۋىلىك باغ 300دىن ئېشىپ، مېۋىلەر 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىنماقتا. بۇ يىل 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مېۋىلىرىدىن جەمئىي 160 مىڭ توننا ئېكسپورت قىلىنىپ، ئېكسپورت سوممىسى 1 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %28.5 ۋە %38.8 ئاشتى. شىنجاڭنىڭ مېۋىلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ھەم ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىغا سېتىلىدۇ، قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان قاتارلىق مېۋىلەر يەنە ئەنگلىيە، رۇسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە بازىرى قاتارلىق بازارلارغا سېتىلىدىغان بولۇپ، ئېكسپورت دائىرىسى سىجىل كېڭىيىپ، شىنجاڭ مېۋىلىرىنىڭ سۈپەتلىك ماركا تەسىر كۈچى سىجىل ئاشتى.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭ بويىچە مېۋە تۈرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى، ھوسۇلىدا «قوش ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان، شىنجاڭ بويىچە باغ - ئورمان مېۋە - چېۋە ھوسۇلى 8 مىليون 385 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈزۈم ھوسۇلى 3 مىليون 139 مىڭ 400 توننا بولۇپ، %3 ئاشقان؛ ئالما ھوسۇلى 922 مىڭ 800 توننا بولۇپ، %5 ئاشقان؛ ئۆرۈك ھوسۇلى 890 مىڭ 300 توننا بولۇپ، %3.2 ئاشقان.

سىياسەت جەھەتتىن كۈچ چىقىرىلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جانلاندۇرۇلدى

چارۋىچىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇل كەسپى ۋە ئەۋزەل، خاس كەسپى. بۇ ئىككى يىلدا، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ تەسىرىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدا قوي - كالا گۆشى ھەم يېڭى سۈت باھاسىدا داۋالغۇش كۆرۈلۈپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىغا بەلگىلىك قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى.

بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «گۆش كالىسى، گۆش قويى ھەم سۈتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى مۇقىملاشتۇرىدىغان توققۇز ماددىلىق سىياسەت - تەدبىر»، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، چارۋىدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىك خاس كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مالىيە، پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، سىياسەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشەنچنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىنى مۇقىملاشتۇرۇش، چىشى چارۋا نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتتى.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ «چارۋىچىلىققا دائىر توققۇز ماددا»لىق بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، گۆش قويىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، گۆش كالىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سۈتچىلىكنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدىكى شالغۇتلاشتۇرۇش، چارۋىچىلىق مەيدانىدا كۆپەيتىپ ئائىلىدە بېقىش، كۆلەملىك بورداش» قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كۆپ قېتىم كۆپەيتىش، دەل جايىدا يەم بېرىش، تۆللەرنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

سىياسەت جەھەتتىن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جانلاندۇرۇلدى. بۇ يىل 9 - ئايدا، بايىنبۇلاق قويىنىڭ يەككە ئايلىق سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.5 ئېشىپ، ئۇنىڭ «ئوتلاق ئەتىۋارلىق بۇيۇمى» بولۇشتەك سۈپەتلىك ماركا قىممىتىنى دەلىللەپلا قالماي، يەنە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئوتلاق چارۋىچىلىقىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، سۈپەتلىك ماركىلاشتۇرۇش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نۆۋەتتە، بۇ جاي جېجياڭ، شاڭخەي، بېيجىڭدا ئالدىنقى بۇلۇت ئامبىرى ھەم بىۋاسىتە سېتىش بايراقدار دۇكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بايىنبۇلاق قويىنى «بېقىش - سويۇش - سېتىش» بويىچە پۈتۈن زەنجىر سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مەھسۇلاتنى تېخىمۇ رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلدى.

شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى كۆپ ئەلا سۈپەتلىك چارۋا، ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ سىرتىدىكى تېخىمۇ چوڭ بازارلارغا يۈزلەنمەكتە. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭ بويىچە چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قوتاندىن چىقىرىلىش مىقدارى مۇقىم ئاشقان، قوتاندىن چىقىرىلغان تىرىك چوشقا، گۆش كالىسى، ئۆي قۇشلىرى ئايرىم - ئايرىم 6 مىليون 335 مىڭ 600، 2 مىليون 782 مىڭ 500، 86 مىليون 68 مىڭ 800 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %4.1، %9.8، %11 ئاشقان. ئاساسلىق چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولغان، چوشقا، كالا، قوي، ئۆي قۇشلىرى گۆش مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 614 مىڭ 200 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان. ئۆي قۇشلىرى تۇخۇمىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 366 مىڭ 400 توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.6 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.