تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يىراق كەلگۈسى . ئورتاق . ئەسلىي مەقسەت

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كورېيە سەپىرىنىڭ دەۋر ئىلھامى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرماقتا، دەۋر دولقۇنى شىددەت بىلەن ئۆركەشلىمەكتە، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا جەزمەن تارىختىن چوڭقۇر ئەقىل - پاراسەت ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق.

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن كورېيەنىڭ چىڭجوۋغا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC)نىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

كورېيە سەپىرى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، ئۈچ كۈن ۋاقىتتا ئون نەچچە مەيدان ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك پائالىيەتكە زىچ قاتناشتى. تارىخ تومۇرىنى بويلاپ، كۆزىتىش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەندىلا، ئاندىن بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ چوڭ لوگىكىسىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.

«يىراق كەلگۈسى» − رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى كورېيە سەپىرىدە ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان سۆز بولدى.

ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ: «ئىككى تەرەپ چوڭ ھېساباتنى قىلىپ، ھەمكارلىق ئېلىپ كەلگەن يىراق كەلگۈسى مەنپەئەتنى كۆپرەك كۆرۈشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ ئارىدىن 11 يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم كورېيەدە زىيارەتتە بولۇپ، كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: «جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىگە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى؛ كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشكەندە: «ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك» دەپ ئىزاھلىدى...

4 - ئومۇمىي يىغىندىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاشتىن تىنچ ئوكيان بويىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئورتاق كېڭىشىشكىچە، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش داۋامىدا يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزەتتى، خەلقئارا ئالاقىدە يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، دوستلۇقنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇردى.

«تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى، دەۋر دولقۇنى، دۇنيا ۋەزىيىتىدىن ئۆزگىرىش مېخانىزمىنى تەھلىل قىلىپ، تارىخىي قانۇنىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇناسىپ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك»، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاڭلىقلىقى ۋە ئىشەنچى، «تارىخىي چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسى بىلەن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ئىگىلىشىمىز ۋە نىشانىمىزنى بېكىتىشىمىز كېرەك».

تارىخنىڭ چوڭقۇرلۇقى نەزەر دائىرىنىڭ كەڭلىكى، ئىستراتېگىيەنىڭ يۈكسەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

2014 - يىلى كورېيەدە زىيارەتتە بولۇپ، دۆلەتلىك سېئۇل داشۆسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ مۇنداق دېگەنىدى: «5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، جۇڭگو قانداق دۆلەت بولۇشى كېرەك؟»

بىر جۈملە سۆز چەكسىز ۋاقىتنى تۇتاشتۇردى، «جۇڭخۇا مىللىتى تىنچلىقنى سۆيىدىغان مىللەت، ئىلگىرى شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ.» تىنچ تەرەققىيات «تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسىنى چىقىش قىلىپ ئوبيېكتىپ ھۆكۈم قىلىش داۋامىدا ئېرىشىلگەن يەكۈن، ئىدىيە ئىشەنچى بىلەن ئەمەلىيەت ئاڭلىقلىقىنىڭ ئورگانىك بىرلىكى».

ئۇزاق تارىخنى چىقىش قىلىپ تىنچ تەرەققىياتنى كۆزلىدى، دۇنياۋى نەزەر دائىرە ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا نەزەر سالدى، جاھاندىكى توغرا يولنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى.

چىڭجوۋدىن ئىبارەت شىنلو سۇلالىسىنىڭ بۇ قەدىمىي پايتەختى، دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىدىكى تۈگۈن شەھەردە تۇرغاندا، دالىڭيۈەن تارىخىي يادىكارلىقى ئارىسىدا ئايلانغاندا، شائىر سۈي جىيۈەننىڭ «يەلكەن چىقىرىپ يۈرۈش قىلىپ دېڭىزنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈش» توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندا، ھەممىلا جايدا قويۇق تارىخىي پۇراقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. تيەنما قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە، غەربىي ئاسىيادىن كەلتۈرۈلگەن ساپال قەدەھ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا تېخنىكىسى قوللىنىلىپ ياسالغان سىر بېرىلگەن ئۈنچە - مارجان بار بولۇپ، بۇلاردىن رەڭگارەڭ مەدەنىيلىك نۇرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، بۇلار ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان يىپەك يولى داستانىغا گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.

تارىخقا ئۆتمۈش خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا ئۇ كەلگۈسىگە ئىلھام بېرىدۇ.

دۇنيا دەل يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى دەل ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا، ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ، قارشىلىشىش كېرەكمۇ ياكى ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ، تارىخ ماياتنىكىنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ مېڭىشى نۆۋەتتىكى تاللاشقا باغلىق.

بۇ قېتىم چىڭجوۋدا، شەرقتىكى مەدەنىي چوڭ دۆلەتتىن كەلگەن سادا چوڭقۇر ھەم قەتئىي بولدى: «بىز يىراقنى كۆرەرلىكىمىز ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تاللاش چىقىرىشىمىز كېرەك».

بەزىلەر بۈگۈنكى جۇڭگوغا مۇنداق باھا بەردى: «ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان يۆنىلىشى»نى دۆلەت ئىچىنى ئىدارە قىلىشتىن خەلقئارا ھەمكارلىققا ئۇزارتىپ، ھەمكارلىقنىڭ ئىشەنچ ئاساسىنى قىسقا مۇددەتلىك سىياسىي دەۋرىيلىكنىڭ تەۋرىنىش تەسىرىگە ئۇچراتماي، بۇ ئارقىلىق دۇنياۋى سىياسىينىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىستراتېگىيە ئىزچىللىقىغا كۈچ قوشتى.

«ئورتاق» دېگەن سۆز رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى كورېيە سەپىرىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر ئاچقۇچلۇق سۆز بولدى.

جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبىتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئورتاق نامايان قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا پايدىلىق چوڭ ئىش، ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلسا بولىدۇ»؛

چىڭجوۋ APEC يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ «بەش ئورتاق»نى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى رايون ئىقتىسادىي مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى ئورتاق قوغداش، سودىنى رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت؛

بىر ئادەمنىڭ كۈچى چەكلىك بولىدۇ، نۇرغۇن ئادەم قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىگەندە مەنزىلگە تېز يەتكىلى بولىدۇ. 2 - باسقۇچلۇق يىغىنغا قاتناشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ «ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى...

«ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.» رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ شۇنداق كۆرسەتتى.

2018 - يىلى 11 - ئايدا، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ مورېسبى پورتىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تىنچ ئوكياندىكى ئىزدەنگۈچى ناملىق پاراخوتقا چىقىپ مۇنداق دېدى: «بىپايان چەكسىز دېڭىزغا نەزەر سېلىپ، مەن <جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش> دېگەن بۇ سۆزنى ئەسكە ئالدىم».

بۇ قېتىمقى كورېيە سەپىرىدە، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئامىللىرى كۆپىيىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇراجىئىتى كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى، «بوران - چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، جاپا - مۇشەققەتتە شۇنچە ھەمدەم بولۇش كېرەك.» «جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسىدە ئورتاق پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

مەقسىتىمىز ۋە نىشانىمىز بىردەك بولۇشى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك، تىنچ ئوكيان شۇ قەدەر چوڭ، دۇنيامۇ شۇ قەدەر چوڭ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى سىغدۇرالايدۇ.

4 - ئايدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا سەپىرى، 5 - ئايدىكى رۇسىيە سەپىرى، 6 - ئايدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدىن بۇ قېتىمقى كورېيە سەپىرىگىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چەت ئەلگە قىلغان زىيارىتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئاساس قىلدى. «ئەتراپ تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى»دىن «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى»گىچە، «جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش»تىن «يەرشارىدىكىلەر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش»قىچە، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى چەكسىز داغدام يولنى بويلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

«ئەسلىي مەقسەت» دېگەن سۆزنى رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى كورېيە سەپىرىدە يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى.

«بۈگۈن بىز كورېيەدە يەنە بىر قېتىم جەم بولدۇق، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ ۋە ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئارقىلىق دۇنياغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش دولقۇنىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى قوللاشنى نىشان ۋە ئاساسىي مەقسەت قىلغان. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى كۈچلۈك ئېشىشنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى مۆجىزىسى»نى ياراتتى.

«قانداق بىر ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا ئېلىپ بېرىش كېرەك؟ قانداق قىلغاندا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى تەرەققىياتىنىڭ كېيىنكى <ئالتۇن 30 يىلى>نى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ؟ بۇ مۇساپىدە قانداق قىلغاندا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ؟» ئىككى يىل ئىلگىرى، سان فىرانسىسكو APEC يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان بۇ ئۈچ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.

بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزنى ئەسلەپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر سالغاندىلا، ئاندىن لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزىمىزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقمايمىز. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش يەنىلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى ئۆزگەرگىنى يوق، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى قايسى يولدا مېڭىشتىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەلگەن پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە ۋە جاراڭلىق بولدى: «بىز ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش داۋامىدا پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك».

بۈگۈنكى كۈندە، «دۇنيا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا نەزەر سېلىش، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى جۇڭگوغا نەزەر سېلىش» ۋەزىيىتى شەكىللەندى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيا مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلانغان جۇڭگونىڭ نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

جۇڭگو - ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەتلەشكەندە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق سۆز قىلدى: «70 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلىدۇق، ئەزەلدىن باشقىلارغا جەڭ ئېلان قىلىشنى، باشقىلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشنى ئويلىمىدۇق، بەلكى زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلەندۇق. بۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى مۇھىم شىفىر».

قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەسلىي مەقسەتنى ساقلىدى. ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان غەيرەت ۋە ئەۋرىشىملىكتىن كىشىلەر بىر دۆلەتنىڭ جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئۈزلۈكسىز زورىيىشتىكى كۈچ - قۇدرىتىنى چۈشەندى، بىر مىللەتنىڭ بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان جانلىق ھاياتىي كۈچىنى چۈشەندى.

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، APEC يىغىنىنىڭ ساھىبخانىلىقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش ھالقىسىدا، رەئىس شى جىنپىڭ كېلەر يىلى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان شەھەر جۇڭگو شېنجېننىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى:

«شېنجېن تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان، نەچچە ئون يىلدا ئارقىدا قالغان بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىدىن تەرەققىي قىلىپ زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، بۇ، جۇڭگو خەلقى ياراتقان دۇنيا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۆجىزە، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەك».

كەڭ زېمىندا كۈچلۈك باھار دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە ئاق قەغەزگە قالتىس سەھىپىلەر پۈتۈلدى، جاپاغا چىداپ ئىشلەش داۋامىدا كۆركەم كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شېنجېن مۆجىزىسى دەل جۇڭگو مۆجىزىسىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ بۇ 2 - قېتىملىق ئىنقىلابى جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، دۇنياغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىلھامنى يەكۈنلىگەنىدى، بۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شىفىرى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئىلھام −

«تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسى داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەش، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىش كېرەك».

(مۇخبىرلار جۇ جىچەي، ياڭ يىجۈن، جاڭ يەن، دۇڭ شۆ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.