ئېگىز تاغدىكى كۆلدە بېقىلغان سوغۇق سۇ بېلىقى پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىلىپ، شىنجاڭ «كۆل مەھسۇلاتلىرى» دېگەن نامنىڭ داڭقىنى چىقاردى؛ تىيانشان چارۋىچىلىق مەيدانىدىن تېز يوللانما ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرگە يەتكۈزۈلۈۋاتقان قوي گۆشلىرىنىڭ ئورالما سىرتىدىكى ئىككىلىك كودىنى ساۋما قىلساق، يان تېلېفون ئېكرانىدىن بۇ قوينىڭ بېقىلغان جايى، سويۇلۇش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى دەرھال كۆرگىلى بولىدۇ... شىنجاڭنىڭ يايلاقلىرىدا سۇ، ئوت-چۆپلەر مول، ئەۋزەل سۇ-تۇپراق شارائىتى ئەلا سۈپەتلىك كالا، قوي، بېلىق، راكلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ چارۋىچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولدى.
شىنجاڭ سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، سوغۇق سۇ بېلىقى، قۇملۇق قىسقۇچپاقىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلار مەملىكەت بويىچە كەسىپ تەسىر كۈچىگە ئىگە بولدى. ئېگىز تاغ، دەريا، قۇملۇق، كۆللەردە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئايلانما سۇ باقمىچىلىقى سىستېمىسى، زامانىۋى باقمىچىلىقتا قالدۇق سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار كەڭ قوللىنىلىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

10-ئاينىڭ 25-كۈنى، قابا ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ يايلاق كۆچمەكتە. ھەر يىلى كۈزدە، بۇ ناھىيەدىكى 100 مىڭ تۇياق چارۋا ئەتىيازلىق، كۈزلۈك ئۆتكۈنچى چارۋىچىلىق مەيدانىدىن قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلۈپ قىشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ليۇ شىخې فوتوسى
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، كۇچا شەھىرى نەنخۇ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق بازىسىدا، بېلىقچىلار ئۆزلىرى باققان جۇڭخۇا تۈكلۈك قىسقۇچپاقىسىنى كۆرسىتىپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن ھۇزۇرلانماقتا. ليۇ دىڭ فوتوسى
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، يېڭى تۇغۇلغان پاقلاننى قۇچاقلاپ تۇرغان چارۋىچى ياقۇپجان يۈسۈپجاننىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەنمەكتە. يېقىندا، بورتالا شەھىرىنىڭ ئوتبۇلاق بازىرى چارگىن خوتخور كەنتىدە بېقىلىۋاتقان كۆپ تۆللەيدىغان ئاۋخۇ قويى كۈزلۈك تۆل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. نەن دېڭ فوتوسى

10-ئاينىڭ 28-كۈنى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ئاتانى سۈتچىلىك پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېڭى سۈتنى تەكشۈرمەكتە. بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان قېتىق، پىشلاق، سۈت كەمپۈتى قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتتە سېتىلىدۇ. ئارداق بېيىسقان فوتوسى
شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىق بازىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(10-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). بۇ شىركەت نىلقا ناھىيەسىنىڭ قارا سۇ يېزىسىغا جايلاشقان بولۇپ، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. جاڭ چىڭخۇا فوتوسى

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






