
1995-يىلى 10-ئايدا، دۇنيا بويىچە كۆچمە قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتكەن ئەڭ ئۇزۇن دەرىجىلىك تاشيول تارىم قۇملۇق تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى.

30 يىلدىن بۇيان، ئەڭ دەسلەپكى بىر تاشيولدىن گىرەلەشكەن قۇملۇق يول تورىغا تەرەققىي قىلدى، تەكلىماكان قۇملۇقى تۆمۈريول بىلەن ئورالدى، يەنە يېشىل «شارپا» تاقىدى، ئىنسانىيەتنىڭ قۇم تىزگىنلەش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىلدى...

تەكلىماكان قۇملۇقى دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە 2- چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان. زادى قانداق كۈچ كىشىلەرنىڭ دادىللىق بىلەن ھاياتلىق چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىشىگە، نەچچە قېتىم «ھالاكەت دېڭىزى»غا قاراپ يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولدى؟

تارىم قۇملۇق تاشيولى پۈتۈپ قاتناش باشلانغىنىغا 30 يىل بولغان پەيتتە، شىنجاڭ گېزىتى H5 شەكلىدە شىنجاڭنىڭ «ھالاكەت دېڭىزى»غا ھۇجۇم قىلىشتىكى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تارقاتتى.
تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ كۆرۈڭ

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






