
دۆلەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى(شاڭخەي) ئىچىدىكى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئاساسىي تېما قىلىنغان بېزەك(11-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى
8-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى شاڭخەيدە باشلىنىدۇ، ھازىر ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي بولغان دۆلەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى(شاڭخەي)نىڭ كۆرگەزمىدىن ئىلگىرىكى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، كاتتا كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

يېڭىدىن بېزەلگەن دۆلەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى(شاڭخەي) جەنۇبىي مەيدانى(11-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، پاكىستانلىق بىر كۆرگەزمە سودىگىرى(سولدا) كۆرگەزمە ئورنىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا خىزمەتچى خادىملار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، پىدائىيلار دۆلەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى(شاڭخەي)دىكى بىر مەسلىھەت بېرىش ئورنىدا خىزمەت قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى

يېڭىدىن بېزەلگەن دۆلەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى(شاڭخەي) جەنۇبىي مەيدانى(11-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار دۆلەت يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزى(شاڭخەي) جەنۇبىي مەيدانىنى بېزەپ كۆكەرتىشكە سۇ پۈركۈمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى

11-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىر كۆتۈرۈلىدىغان-چۈشۈرۈلىدىغان ماشىنا دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزى(شاڭخەي)نىڭ غەربكە كىرىش ئېغىزىنىڭ سىرتىدا كېتىۋاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى

8-نۆۋەتلىك ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئاپتوموبىل سارىيى ئىچىدىكى كەلگۈسى سەپەر كۆرگەزمە رايونى(11-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى فاڭ جې فوتوسى
«شىنخۇا تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






