
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، گۇگۇم ئۇپۇقنى كەھرىۋا رەڭگىگە كىرگۈزۈپ، كەچكى قۇياشنىڭ ئالتۇن رەڭلىك نۇرى تۆۋەنگە چۈشۈپ توغراقلارغا بىر قەۋەت ئىللىق نۇر چاچتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى، خەۋىرى) ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، سانجى شەھىرى تەۋەسىدىكى لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرىپ، سۈرەتتەك گۈزەل بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە جەلپ قىلدى.
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر توكسىكلىت ھەيدەپ لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا سەيلە قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ساياھەتچىلەر لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىدا گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
لاۋلۇڭخې توغراقلىق مەنزىرە رايونىنىڭ سانجى شەھەر رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 30 كىلومېتىر، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 15 مىڭ مو، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 15 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئىچىدە شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن بولغان دۆلەت 3A دەرىجىلىك ئىپتىدائىي ئىككىلەمچى توغراقلىق ساياھەت مەنزىرە رايونى ھېسابلىنىدۇ. مەنزىرە رايونى 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرگەندىن بۇيان، ساياھەتچىلەر مىقدارى كۈنسېرى كۆپەيدى. مەنزىرە رايونىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ پەسىلدە ساياھەتچىلەرنىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 2000 ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىنغان، ھەپتە ئاخىرىدا 3000 ئادەم قېتىمغا يەتكەن، پۈتۈن يىللىق جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى مىقدارى 120 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان. مۇلازىمەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە، مەنزىرە رايونى «توغراقلىقتىكى 18 مەنزىرە» داكا نۇقتىسى ۋە يۈرۈشلۈك چۈشەندۈرۈشنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن ھەم 20 كىچىك ئاپتوبۇسنى كۆپەيتىپ سېلىپ، ئومۇمىي سانىنى 100دىن ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ سەيلە قىلىش تەسىراتىنى ھەر تەرەپلىمە ئەلالاشتۇرغان.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






