تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

[سۈرەتتىكى شىنجاڭ] باغراش كۆلى: ئاق لەيلەك لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى زۇمرەتتەك سۇ بويىدا خاتىرجەم ئائىلە بەرپا قىلدى

   ئاپتور: نيەن لېي

   10-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلى بويىدا، توپ-توپ ئاق لەيلەك ۋە قىزىل تۇمشۇق چايكىلار ئاسماندا پەرۋاز قىلدى ياكى كۆل يۈزىدە بەخىرامان ئۈزۈپ يۈردى، ئۇلار ئوزۇق ئىزدەپ، ئوينىشىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېكولوگىيەلىك مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇقىم ئۆستۈردى. بۇ جاي پەسىل قۇشلىرىنى مول يېمەكلىك مەنبەسى ۋە بىخەتەر ياشاش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ ۋە «ئىللىق ماكان»غا ئايلاندى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: باغراش ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.