تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل ۋالىبول تۈرى بويىچە ئەرلەرنىڭ C گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ بىرىكمىسى 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل ۋالىبول تۈرى بويىچە ئەرلەرنىڭ C گۇرۇپپىدىكى 18-مەيدان مۇسابىقىسى شياڭگاڭدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭ 1-كوماندىسى بىرىكمىسىدىكى ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ، سالام ئەخمەت بىرىكمىسى قارشى تەرەپنى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ قىلىپ، 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن شەندۇڭ 2-كوماندىسى بىرىكمىسىدىكى ليۇ جىنچيۇ، ليۇ چۇەنيۇڭ بىرىكمىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىدىكى ھالقىلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

 تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە، ئىككى تەرەپ تېز سۈرئەتتە مۇسابىقە ھالىتىگە كىردى، ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋە مۇداپىئەدە تۇرۇش رىتىمى ناھايىتى تېز بولدى ھەم نۆۋەت بىلەن كەينى-كەينىدىن نومۇر ئېلىپ، مۇسابىقە بىر مەھەل تىركىشىش ھالىتىگە كىردى. ئاچقۇچلۇق پەيتتە، شىنجاڭ بىرىكمىسى ياخشى ماسلىشىش ۋە ماھارىتىنى مۇقىم جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، 27گە قارشى 29 نەتىجە بىلەن غەلىبىنى تەستە قولغا كەلتۈرۈپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىدە شەندۇڭ بىرىكمىسى تاكتىكىسىنى پائال تەڭشەپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن شىنجاڭ بىرىكمىسى غەلىبىسېرى ئىز قوغلاپ ھوجۇمغا ئۆتۈپ، سېتكا ئالدىدىكى بوي ئېگىزلىكى ۋە كۈچ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ سىجىل بېسىم ئىشلىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 18گە قارشى 21 نەتىجە بىلەن يەنە بىر مەيدان يېڭىپ، ئومۇمىي نومۇردا 0گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن تولۇق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تېخنىكىلىق تاكتىكا ۋە بەدەن قۇۋۋىتى جەھەتتىكى بەسلىشىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىرادە جەھەتتىكى بەسلىشىش بولدى. شىنجاڭ بىرىكمىسى مۇسابىقە ئوينىغانسېرى غەيرەتكە تولۇپ، ياخشى مۇسابىقە ھالىتى ۋە پىسخىك ساپاسىنى نامايان قىلدى.

  شىنجاڭ ساھىل ۋالىبول كوماندىسىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى كېيىنكى مۇسابىقىلەر ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى.

 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، شىنجاڭ 1-كوماندىسىدىكى ئابدۇخالىقجان مۇتەللىپ، سالام ئەخمەت بىرىكمىسى شەندۇڭ 2-كوماندىسىدىكى ليۇ جىنچيۇ، ليۇ چۇەنيۇڭ بىرىكمىسى بىلەن مۇسابىقىلەشمەكتە.

 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىككى تەرەپ ماھىرلىرى ۋىكتورىيە باغچىسىدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا مۇسابىقىلەشمەكتە.

 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، نومۇر ئالغاندىن كېيىن، سالام ئەخمەت مۇسابىقە نەق مەيدانىدا ئۆزى ۋە سەپدىشىغا ئۈنلۈك ئاۋازدا مەدەت بەرمەكتە.

 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئىككى تەرەپ ماھىرلىرى ۋىكتورىيە باغچىسىدىكى مۇسابىقە مەيدانىدا مۇسابىقىلەشمەكتە.

 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، تاماشىبىنلار 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ساھىل ۋالىبول مۇسابىقىسى نەق مەيدانىدا مۇسابىقە كۆرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.