تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 گۇچۇڭ باخۇدى سۇ ئامبىرى: مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ سايە تاشلار قومۇشلار، دولقۇنلارنى قوغلىشىپ ئەركىن ئۈزەر ھەم قۇشلار

   11-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى باخۇدى سۇ ئامبىرى سۇلۇق يېرىدە، توپ-توپ پەسىل قۇشلىرى بىلەن ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلار بىلەن كەچكى شەپەق قوشۇلۇپ ئاجايىپ جانلىق ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى. گۇگۇم چۈشكەندە، سۇ قۇشلىرى قىزغۇچ سېرىق شەپەق ئاستىدا لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئۇسسۇل ھەرىكىتى نازاكەتلىك بولۇپ، قاناتلىرىنىڭ سايىسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنىدى؛ سۇ يۈزى قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ تۇراتتى، قىزىل قۇياش سۇ يۈزىگە دولقۇنغا ئەگىشىپ نۇر چېچىپ تۇراتتى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇچۇڭ ناھىيەسى كۆپ تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنى تۈزەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، باخۇدى سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ سۈپىتى ھەم ئەتراپتىكى سۇلۇق يەر مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، نۇرغۇن ياۋا قۇش تۈرلىرىنى كېلىپ «ماكانلىشىش»قا جەلپ قىلدى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.