قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ قار ياغقان مەزگىلدىكى يول ئەھۋالى ھەم قاتناش بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى
كەڭ شوپۇرلار ھەم ساياھەتچى دوستلار:
يېقىندا، قاناس مەنزىرە رايونى يېڭى بىر نۆۋەتلىك قار يېغىش جەريانىنى كۈتۈۋالىدۇ، قار يېغىشقا ئەگىشىپ تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، قار ياغسا مەنزىرە رايونى يوللىرىدا ئاسانلا قار يىغىلىپ، مۇز تۇتۇپ، قاتناش شارائىتى مۇرەككەپلىشىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ. كەڭ ئاممىنىڭ بىخەتەر، راۋان يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونىنىڭ يول ئەھۋالى، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ھەم قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسكەرتمىسى تۆۋەندىكىچە ئېلان قىلىنىدۇ:
بىرىنچى، مەنزىرە رايونىنىڭ يول ئەھۋالى
پات ئارىدا، قار يېغىش تەسىرىدە مەنزىرە رايونىدىكى يوللاردا قار يىغىلىش، مۇز تۇتۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە «يوشۇرۇن مۇز» پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە ئاسانلا يانغا تېيىلىپ كېتىدۇ. قاناس مەنزىرە رايونى شۆبە ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى مەنزىرە رايونىدىكى ئاساسلىق يوللارنى 24 سائەت چارلاپ تەكشۈرىدۇ ۋە يول ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ ھەم قار يىغىلىش-مۇز تۇتۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن قار-مۇزلارنى تازىلاش مەشغۇلاتى قىلىدۇ.
ئىككىنچى، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، يېقىندا مەنزىرە رايونىدا يېڭى بىر نۆۋەت قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 0دىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. قار ياغقان ۋاقىتتا كۆرۈش دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرگەندىكى كۆرۈش دائىرىسىگە ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. كەڭ ئامما «قاناس نۆل ئارىلىق(喀纳斯零距离)» «تىنچ-ئامان قاناس(平安喀纳斯)» قاتارلىق ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىلىرى ھەم مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان ھەر ۋاقىت ئالدىن مەلۇمات ئۇچۇرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىڭىزلارنى سورايمىز.
ئۈچىنچى، قاتناش بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسى
1. ئاپتوموبىلغا چوقۇم قىشلىق بالون ئالماشتۇرۇش كېرەك. مەنزىرە رايونىغا كىرىدىغان ئاپتوموبىللار بالوننىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، چوقۇم لاياقەتلىك قىشلىق بالوننى ئالماشتۇرۇپ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قىشلىق بالون ئالماشتۇرمىغان ئاپتوموبىللار بۇرچىن ناھىيەسى ياكى ئالتاي شەھىرىدىكى مۇنتىزىم بالون دۇكانلىرىغا بېرىپ ئىجارىگە ئالسا بولىدۇ.
2. سوغۇقتىن ساقلىنىش، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەنزىرە رايونىدا قار ياغقاندىن كېيىن تېمپراتۇرا تېزدىن تۆۋەنلەيدۇ، مامۇق چاپان، قار ئۆتىكى، سوغۇقتىن ساقلىنىش پەلىيى قاتارلىق ئىسسىق ساقلاش جابدۇقلىرىنى ئالدىن تەييارلاش بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل سۇ ساندۇقى، ئاپتول قاتارلىقلارنى توڭلاشتىن ساقلاش، ئاشراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىنىڭ سەپەرگە چىقىشقا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
3. مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى ۋە بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك. مەنزىرە رايونىدا ياۋايى ھايۋانلارغا يەم بېرىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، ئېكولوگىيە-مۇھىت ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك؛ بەلگىلەنمىگەن رايوندا خالىغانچە ئاپتوموبىل توختىتىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، قاتناش تەرتىپى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش يولىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ ئاپتوموبىللارنىڭ مەجبۇرىي يانداپ ئۆتۈشى قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، تاغلىق رايوندىكى يوللارنىڭ كۆرۈش دائىرىسى توسالغۇغا ئۇچرىغاچقا، مەجبۇرىي يانداپ ئۆتۈش ئاسانلا سوقۇلۇش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. قاتناش باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرىگە ماسلىشىش كېرەك. قاناس مەنزىرە رايونى شۆبە ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى شۇ كۈندىكى ھاۋارايى، يول ئەھۋالىغا ئاساسەن، قاتناشقا چەك قويۇش تەدبىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يولغا قويىدۇ. قاتناشقا چەك قويۇش ئەھۋالىغا ئۇچرىغاندا، كەڭ شوپۇرلار ھەم ساياھەتچىلەر نەق مەيداندىكى خەلق ساقچىلىرىنىڭ قوماندانلىقىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، يولنىڭ ئېچىلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشى ياكى يول باشلاش بويىچە سەپىرىنى تەڭشىشى كېرەك.
كەڭ شوپۇرلار «سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، ئارقا چىراقنى يورۇتۇش، ئارىلىقنى ساقلاش» پىرىنسىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاپتوموبىلنى ئېھتىيات بىلەن ھەيدەپ، بىخەتەر يول يۈرۈشى كېرەك. ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، 110 ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ياردەم سورىسا بولىدۇ.
قاناس مەنزىرە رايونى شۆبە ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتى
2025-يىل 11-ئاينىڭ 2-كۈنى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






