تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بۇ يىلدىكى «جۇغى» ئەڭ چوڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» پات ئارىدا «نامايان بولىدۇ»

    «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» كەلدى! بۇ يىللىق ئەڭ چوڭ تولۇن ئاي 11-ئاينىڭ 5-كۈنى كېچە ئاسمىنىدا نامايان بولىدۇ، شۇ چاغدا ئەگەر ھاۋا ئوچۇق بولسا، ئاينى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار سىرتلارغا چىقىپ ئوبدان ھۇزۇرلانسا بولىدۇ.

  2024-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، يۈننەن دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مېيلى قارلىق تېغىدا تارتىلغان يىللىق ئەڭ چوڭ تولۇن ئاي.   (بەي جىكەي فوتوسى)

  جۇڭگو ئاسترونومىيە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاسترونومىيە ئىلمى بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇتەخەسسىسى شيۇ لىپېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاسترونومىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتىدىكى تولۇن ئاي دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى ئاي تولغاندا ئۇنىڭ دەل يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتىدا پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئاي شارى ئېللىپىس شەكىللىك ئوربىتىدا يەر شارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىدۇ، ئوربىتىدىكى يەر شارىغا ئەڭ يېقىن نۇقتا يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتا دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ چاغدا ئاي شارىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 360 مىڭ كىلومېتىرغا يەتمەيدۇ؛ ئوربىتىدىكى يەر شارىدىن ئەڭ يىراق نۇقتا يەرگە يىراق نۇقتا دەپ ئاتىلىدۇ، بۇ چاغدا ئاي شارىنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 400 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. «يېقىن بولسا چوڭ، يىراق بولسا كىچىك كۆرۈنىدۇ» دېگەن داۋلىغا ئاساسلانغاندا، ئاي شارى يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتىدا پەيدا بولغاندا يەر شارىغا ئەڭ يېقىن بولۇپ، قارىماققا ئەڭ چوڭ كۆرۈنىدۇ؛ ئاي شارى يەرگە يىراق نۇقتىدا پەيدا بولغاندا يەر شارىدىن ئەڭ يىراق بولۇپ، قارىماققا ئەڭ كىچىك كۆرۈنىدۇ.

  2024-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنى، گۇاڭشىنىڭ نەننىڭ شەھىرىدە تارتىلغان يىللىق ئەڭ چوڭ تولۇن ئاي(كۆپ سۈرەتتىن بىرىكتۈرۈلگەن) يورۇق ھەم ئېنىق.   (ۋاڭ جىن فوتوسى)

  ئەلۋەتتە، تولۇن ئاينىڭ يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتىدا پەيدا بولۇشىغا دەل ئۈلگۈرۈش ئىنتايىن قىيىن، ئادەتتە ئالدى-كەينى بولۇپ بىر كۈن ئەتراپىدا پەيدا بولسا، ئۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي» ھېسابلىنىدۇ.

  2025-يىلىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى قېتىملىق يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتىدىكى تولۇن ئاي 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 4-كۈنى كۆرۈلىدۇ. «بۇ ئىككى قېتىملىق يەرگە ئەڭ يېقىن نۇقتىدىكى تولۇن ئاينىڭ كۆرۈش دىئامېتىر بۇلۇڭى 34كە يېتىدۇ. ئەگەر چوقۇم 1-ۋە 2-دەپ ئايرىشقا توغرا كەلسە، 11-ئايدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي ئەڭ چوڭ بولىدۇ، لېكىن 12-ئايدىكى <دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي>دىن ئازراقلا چوڭ بولىدۇ» دېدى شيۇ لىپېڭ.

  2022-يىل 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، بېيجىڭ شىچېڭ رايونى بېيخەي باغچىسىدا سۈرەتكە تارتىلغان يىللىق ئەڭ چوڭ تولۇن ئاي.   (ۋاڭ جۈنفېڭ فوتوسى)

  «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي»نىڭ ھەر قېتىم پەيدا بولۇشى كىشىلەرگە ئاينى تاماشا قىلىدىغان بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. كۆپچىلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ نۆۋەتلىك يىللىق ئەڭ چوڭ تولۇن ئايدىن قانداق ھۇزۇرلىنىش كېرەك؟

  «11-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 21دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە، ئاي شارى ئەڭ مۇكەممەل يۇمىلاق شەكىلدە نامايان بولىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىنكى بىر سائەت 1-قېتىملىق «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاي»دىن ھۇزۇرلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى. بۇ چاغدا يەر شەكلى كەڭرى بىر جاينى تاللىغاندا، تولۇن ئاينىڭ ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئالتۇن رەڭگە كىرگەنلىكىنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ. كېچە مەنزىرىسىنىڭ بارا-بارا قويۇق تۈسكە كىرىشىگە ئەگىشىپ، تولۇن ئاي بارغانسېرى يورۇپ، سۈپسۈزۈك كۆرۈنىدۇ. ئاينى تاماشا قىلىش بىلەن بىللە، سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلار ئۆزگىچە يەر مەنزىرىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىجادىي سۈرەتلەرنى تارتسا بولىدۇ» دېدى شيۇ لىپېڭ.   (مۇخبىر جوۋ رۇنجيەن)

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.