تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

2026-يىللىق ئارمىيەگە مەمۇرىي خادىملارنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

​   جەمئىيەتتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشقا كەڭ دائىرىدە جەلپ قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى يېقىندا 2026-يىللىق ئارمىيەگە مەمۇرىي خادىملارنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

   ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 2025-يىل 11-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 8:00دىن 11-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 18:00گىچە ئارمىيە ئىختىساسلىقلار تورىغا چىقىپ توردا تىزىملاتسا بولىدۇ. پۈتۈن ئارمىيەنىڭ بىرتۇتاش يېزىقچە ئىمتىھانى 2025-يىل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايونلارنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرى ۋە باشقا قىسمەن شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدۇ. پىلاندىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 2026-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىشلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىشتا، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار قوشۇنىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كۆزدە تۇتۇلۇپ، سىياسىي ئۆتكەل قاتتىق كونترول قىلىنىپ، ئىش ئورنى شەرتى ئىلمىي تەسىس قىلىنىپ، تەرتىپ مېخانىزمى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، قوبۇل قىلىش ئۈنۈمى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ. مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى مەمۇرىي خادىملار مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ياخشى ئىمتىھان تەرتىپىنى ئورتاق قوغداپ، ئاشكارا، ئادىل، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.