
10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى تاتا ئىستىراھەت رايونى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى.
ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىق بىلەن بىپايان قۇملۇق بىر-بىرىگە ماسلىشىپ، ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە شەكىللەندۈرۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە-ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.
كۈزنىڭ قۇياش نۇرى قۇم بارخانلىرىغا چۈشۈپ، پۈتكۈل تۇپراققا بىر قەۋەت ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە سەيلە قىلغاندا، خۇددى بىر پارچە كۆچمە ماي بوياق رەسىمگە ئوخشاپ قالاتتى.
تەن خۇي فوتوسى
«كۆرۈش سېزىمىدىكى شىنجاڭ»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






