تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «<تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تاللاش> − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى «<تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تاللاش> − رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بىر دۇنياۋى چوڭ دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىچكى ئىشلار بىلەن دىپلوماتىيە ئەزەلدىن يەككە - يېگانە سىمفونىيە ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا گىرەلىشىپ، ئورتاق سادا پەيدا قىلىدۇ.

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە، رەئىس شى جىنپىڭ كورېيەگە بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

ئۈچ كۈن ۋاقىتتا، چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت بار، كۆپ تەرەپلىك سەھنىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە كېڭىشىش بار، ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش بار. زىچ كۈنتەرتىپتىن چوڭقۇر قاتلامغا نەزەر سالساق، ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەمنىڭ ھەممىسىدە «جۇڭگونىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، دۇنيانىڭ جۇڭگوغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى»دىن ئىبارەت چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئەكس ئەتتۈرۈلمەكتە.

زىيارەتكە چىقىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، جۇڭگو بېيجىڭ. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا كەلگۈسى بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان پىلانلاندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت غەربنىڭكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ بۇ يېڭى ھالىتى يېڭى شانلىق سەھىپىلەرنى سىجىل نامايان قىلدى.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالدى، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزدى؛ جاھاننى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەربىر كۆرۈنۈش تارىختىن خاتىرە قالدۇردى، شۇنداقلا يېڭى تارىخنى باشلىدى:

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، پۇسان. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى 100 نەچچە مىنۇتلۇق سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەركىن - ئازادە قىياپەتتە يىغىن مەيدانىدىن چىقىپ كەلدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ رەئىس شى جىنپىڭنى خۇڭچى ماركىلىق ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ بېرىپ، يەنە بىر قېتىم خوشلاشتى.

10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، چىڭجوۋ APEC يىغىنىدا، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى: «بوران - چاپقۇن قانچە كۈچلۈك بولغانسېرى، جاپا - مۇشەققەتتە شۇنچە ھەمدەم بولۇش كېرەك» «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش كېرەك».

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، چىڭجوۋ. يەنە بىر قېتىم خېبەي يىغىن مەركىزىگە كېلىپ، APECنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش ھالقىسىدا، جۇڭگو 3 - قېتىم كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ئۆتكۈزۈۋالدى. كېلەر يىلى كۈزدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشتى، جۇڭگو شېنجېندا ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورېيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى زىچ بولدى. دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكى جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

قەدىمىي پايتەخت چىڭجوۋدا مەيىن شامال، ئىللىق ئاپتاپ چىقىپ تۇراتتى، لېكىن ئۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرغان دۇنيا ۋەزىيىتى تىنچ ئەمەس ئىدى. بىر تەرىپىدە «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇلغان»ىدى، يەنە بىر تەرىپى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ئىدى؛ بىر خىلى نۆل يىغىندىلىق تەپەككۇرغا چىڭ ئېسىلىۋېلىش، يەنە بىر خىلى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگونىڭ تاللىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى بايان قىلدى، «زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ ياخشى يۈكسەلدۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىلەندۇق»؛ جۇڭگونىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنىمۇ نامايان قىلدى، «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى».

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش كېرەكمۇ ياكى بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش كېرەكمۇ؟ ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ قول ئېلىشىشى؛ «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش» كېرەكمۇ ياكى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش كېرەكمۇ؟ تارىخنىڭ يول ئېغىزىدىكى تاللاش؛ ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولماسلىق كېرەكمۇ ياكى بىللە يىراققا سەپەر قىلىش كېرەكمۇ؟ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى سالاپەت؛ ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكمۇ ياكى ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن، باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەكمۇ؟ گۈللىنىش يولىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 30 نەچچە يىل ئىلگىرى APECغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن بۈگۈنكى كۈندە دۇنياۋى ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچىغا ئايلىنىشقىچە، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى رولىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇ ئىلمىي ھۆكۈمنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى: «پەقەت تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقاندىلا، ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.