تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

12306 بېلەت سېتىۋېلىش بېتىدە «ئەرمەك(宠)» خېتى پەيدا بولۇپ قالدى، بۇ قانداق ئىش؟

   يېقىندا، ئەستايىدىل تورداشلار تۆمۈريول 12306 بېلەت سېتىۋېلىش بېتىدىكى بەزى پويىز قېتىم سانى ئۇچۇرىنىڭ يېنىدا، «ئەرمەك(宠)» خېتى بولغان يېشىل چاسا رامكىلىق بەلگە پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. تۆمۈريول 12306 مۇلازىمەت مەركىزىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، «ئەرمەك(宠)» دېگەن خەت شۇ قېتىملىق پويىزدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتىنى بېجىرىشكە بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

   نۆۋەتتە، 50 نۆۋەتچى پويىزغا «ئەرمەك(宠)» دېگەن خەت يېزىلغان. ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش قىزىق لىنىيەلىرىدىن قارىغاندا، بېيجىڭدىن شاڭخەي، خاڭجوۋ، نەنجىڭغا بېرىش-كېلىش ۋە شېنجېندىن چاڭشاغا بېرىش-كېلىش لىنىيەلىرىگە مەركەزلەشكەن.

   مۇلازىمەت دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

   ئەرمەك ھايۋاننى يالغۇز ھاۋالىلىك توشۇشقا بولىدۇ

   ئەرمەك ھايۋانلارنى پويىزدا ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتى بۇ يىل 4-ئايدا يولغا قويۇلغاندا، پەقەت بېيجىڭ-شاڭخەي لىنىيەسىدىكى بەش بېكەتتە 10 نۆۋەتچى پويىزدىلا بېجىرىلەتتى. قىسقىغىنە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، نۇرغۇن لىنىيەلەرگە تارقالغان 50 نۆۋەتچى پويىزغا كۆپەيتىلدى.

   10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، جەمئىي 4757 ئەرمەك ھايۋان ھاۋالىلىك توشۇلغان، تۆمۈريول 12306 بېلەت سېتىۋېلىپ ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئەلالاشتۇرۇلغان.

   بېلەت سېتىۋېلىش بېتىگە كىرسىڭىز، مۇناسىپ پويىز قېتىم سانىنىڭ يېنىغا «ئەرمەك(宠)» دېگەن خەت بەلگىسى سېلىنىدۇ. يولۇچىلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، بەت يۈزىدە ئاپتوماتىك ھالدا «ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش» كىرىش ئېغىزى كۆرۈنىدۇ؛

  «ئالدىن كېلىشىپ تالون چۈشۈرۈش»نى چېكىپ، يولغا چىقىش بېكىتى، يېتىپ بېرىش بېكىتى ۋە ھاۋالىلىك توشۇش ۋاقتىنى تاللىسىڭىز، سىستېما ھەر ۋاقىت قالغان ئورۇننى كۆرسىتىپ بېرىدۇ؛

  ئەرمەك ھايۋان ئۇچۇرىنى تولدۇرۇش بېتىگە كىرىپ، ھاۋالىلىك توشۇغۇچى، مال تاپشۇرۇۋالغۇچى ۋە ئەرمەك ھايۋانغا ئائىت ئالدىن كېلىشىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرىسىز؛

  زاكاز تالونىنى تاپشۇرۇشنى چەكسىڭىز، خىزمەتچى خادىملار ئىككى سائەت ئىچىدە تەكشۈرىدۇ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە ئۇقتۇرۇلىدۇ.

   ئالدىنقى باسقۇچلۇق نۇقتىدا سىناق قىلىش ئاساسىدا، نۆۋەتتە ئەرمەك ھايۋانلارنى «يالغۇز توشۇش» ھاۋالىلىك توشۇش مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى.

   نۆۋەتتە، ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش ئايرىم بېجىرىلىدۇ، توشۇشقا ھاۋالە قىلغۇچى چوقۇم توشۇشقا ھاۋالە قىلىش ۋاقتىدىن 5 ~ 2 كۈن بۇرۇن، 95572 خېرىدارلار مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون بېرىپ، بىر ئەرمەك ھايۋاننى ھاۋالىلىك توشۇشقا ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ. ئالاقىدار بېجىرىش پونكىتى ئۇچۇرلىرىنى 12306 ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ «گاۋتيېدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش» يۈزىدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.

   پويىزدا ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇشتا پويىزغا چىقىش-چۈشۈش «يولى» بار

   نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 40 گاۋتيې بېكىتىدە ئەرمەك ھايۋانلارنى ھاۋالىلىك توشۇش كەسپىنى بېجىرگىلى بولىدۇ.

  خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، توشۇشقا ھاۋالە قىلغۇچى چوقۇم پويىزغا ئولتۇرىدىغان كۈنى پويىز قوزغىلىشتىن 6 ~ 2 سائەت بۇرۇن بېكەتكە بېرىپ ھاۋالىلىك توشۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى، توشۇشقا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ كۈچكە ئىگە كىملىكى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدىكى «ھايۋانلارنى كارانتىن قىلىش لاياقەتلىك ئىسپاتى»نى يېنىغا ئېلىپ يۈرۈشى كېرەك.

«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.