تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈچ ئاي داۋاملىشىدۇ! ئۈرۈمچى خوگو كاتتا زىياپىتى كەلدى!

    11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئۈچ ئاي داۋاملىشىدىغان «شىنجاڭچە تەم چەكسىز قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن تىيانشان . ئۈرۈمچى خوگو كاتتا زىياپىتىنىڭ 1-پەسلى» پائالىيىتى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت باغچىسىدىكى ئانار مەيدانىدا باشلاندى.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پائالىيەت نەق مەيدانىدا

نەچچە ئون قازان خوگو تەڭ قايناپ

قىزىل شورپا پارقىراپ تۇراتتى، زەمبۇرۇغ شورپىسى خۇش پۇراق تارقىتاتتى

شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر مەززىلىك پۇراقتىن

«شىنجاڭچە تەم»نىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاشپەز خوگو قازىنىغا يېمەكلىك سالماقتا.     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، خوگونىڭ مەززىلىك ھىدى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى تېتىپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى خوگو شورپىسىغا چىلانغان قېرىننى تېتىماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

شۇ كۈنى يەنە

«خوگو مەززىلىك تائاملىرى يەر بەلگىسى ئاشخانىسى»

«ئىستېمالچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان خوگو ماركىسى» قاتارلىق مۇكاپاتلارنى

تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ساھە ئۈلگىلىرى تەقدىرلەندى

بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى گۈل بىلەن «ئىستېمالچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان خوگو ماركىسى»غا بېلەت تاشلىماقتا.   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

     بۇ قېتىمقى پائالىيەت مەززىلىك تائاملار شادلىقى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.

   شىمىگۇ رايونى نۇرغۇن بانكىلار بىلەن بىرلىشىپ نەق مەيداندا پاراۋانلىق تارقاتتى: شىمىگۇ رايونى دائىرىسىدە بەلگىلەنگەن سودا ساراي، تاللا بازارلىرى، ئاشخانىلاردا ئىستېمال قىلغاندا، ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسى بىلەن ئىستېمال قىلىپ 20 يۈەنگە توشسا 10 يۈەن، 200 يۈەنگە توشسا 50 يۈەن كېمەيتىلىدۇ؛ شىنجاڭ بانكىسىنىڭ يىپەك يولى ساياھەت كارتىسى بىلەن ئىستېمال قىلىپ 100 يۈەنگە توشسا 10 يۈەندىن 50 يۈەنگىچە كېمەيتىلىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىنى سۈركەپ ئىستېمال قىلىپ 100/200/300 يۈەنگە توشسا 10/20/30 يۈەن كارتا سۈركەش پۇلى بېرىلىدۇ.

   شىمىگۇ رايونى يەنە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، سودا ساراي، تاللا بازىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يېمەك-ئىچمەكتىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈر بويىچە مەخسۇس ئېتىبار بېرىشنى ماس قەدەمدە يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىمىگۇ رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاپتوموبىل 4S دۇكانلىرى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 12 مىڭ يۈەن ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلىدى، ئەيجيا تاللا بازىرى، جىنچياۋ تاللا بازىرى، لەننياۋ تاللا بازىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ سودا ساراي تاللا بازىرىدىكى قىسمەن تاۋارلارنىڭ باھاسىنى %50 چۈشۈردى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كارخانىلىرى %10تىن %40 كىچە ياردەم پۇل بېرىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قويۇپ بەردى.

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆچرەتتە تۇرۇپ ھەر خىل خوگولارنى تېتىماقتا.    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئارتىسلار نەق مەيداندا «قارا جورغا» ئۇسسۇلىنى ئورۇنلىماقتا.    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

11-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئارتىس شەھەر ئاھالىلىرىگە سېرىك ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.    ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

ئىگىلىنىشىچە

خوگو پەسلى پائالىيىتىنىڭ ۋاقتى

11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىكەن

پائالىيەت مەزگىلىدە ھەرقايسى خوگو تىجارەتچىلىرىنىڭ

شەھەر ئاھالىلىرىگە ئىستېمال بېلىتى تارقىتىشىغا ئىلھام بېرىلىدىكەن

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.