10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس-بەستە قەدىمىنى توختىتىپ، يان تېلېفونىدا سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇردى. كۆپكۆك ئاسماندا كەپتەرلەرنىڭ بەزىلىرى قانات قېقىپ ئۆگزىدىن ئۇچۇپ ئۆتسە، بەزىلىرى دەرۋازا ئالدىدىكى گىرانىت تاش ياتقۇزۇلغان يەرگە قونۇپ، ساياھەتچىلەر بەرگەن داننى يەيتتى. بۇ جانلىق مەنزىرە بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم قوشۇلۇپ كۆپچىلىكنىڭ يان تېلېفونىدىكى ئالاھىدە قىممەتلىك كۆرۈنۈشكە ئايلاندى.

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.
«بۇ جاي ئىلگىرى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى دەپ ئاتىلاتتىغۇ؟ نېمە ئۈچۈن نامى ئۆزگەرتىلدى؟» دەپ سورىدى ئۈرۈمچىلىك ساياھەتچى ۋاڭ چياڭ بايىلا تارتقان سۈرەتنى كۆرگەچ.
نامى ئۆزگىرىشتىن بۇرۇنقى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونى غۇلجا شەھىرىنىڭ يادروسى بولغان كوناشەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى تەخمىنەن 3.45 كىۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە يادرولۇق سەيلە-ساياھەت رايونى 1.3 كىۋادرات كىلومېتىر ئىدى. بۇ تۇپراق 200 يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئەسلىمىگە ئىگە بولۇپ، ھازىرغىچە 300دىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى ئىمارەت ۋە خاسلىققا ئىگە ھويلا-ئارانلىق ئۆيلەردىن 20 مىڭدىن كۆپرەكى ساقلىنىپ قالغانىدى، بۇ خۇددى تارىخىي كىتابلارنى ئاچقانغا ئوخشاش، ئۆتمۈشتىكى شانلىق نەتىجىلەر ۋە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى جىمجىت بايان قىلىپ تۇراتتى. نۆۋەتتە، بۇ جايدا تەخمىنەن 120 مىڭ ئاھالە ياشاۋاتقان بولۇپ، كۆپ مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، كۆپ مىللەت ئورتاق ياشايدىغان، مەدەنىيەت ئۆزئارا سىڭىشكەن ۋە يۇغۇرۇلغان ئىناق مەھەللىنى شەكىللەندۈردى.
2024-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، غۇلجا شەھىرى «ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى»دىن ئىبارەت بۇ مەنزىرە رايونىنىڭ نامى بىلەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مەنزىرە بايلىقىنى باھالىشىدىن ئۆتۈپ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىش تىزىملىكىگە رەسمىي كىردى. ئارقىدىن شەھەر رايونى، مەنزىرە رايونىدىكى ھەر خىل بەلگە تاختىسى ۋە يول كۆرسەتكۈچ تاختىلىرىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئارقا-ئارقىدىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىلىق ئۇزاق دەم ئېلىشتىن بۇرۇن نامىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى.
«ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ساياھەت تەسىراتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، بىز قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھەت رايونىنىڭ نامىنى ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونىغا ئۆزگەرتتۇق، يەنە ئۇل ئەسلىھە، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، ھازىر ئىلى كوناشەھەر مەنزىرە رايونى يېپيېڭى تۈسكە كىردى» دېدى غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لى.
مۇخبىر ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونىدا، مەنزىرە رايونى يولىنىڭ يېڭى تۈسكە كىرگەنلىكى، ئات ھارۋىسى ۋە توكسىكىلىتلارنىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا رەتلىك توختىتىلغانلىقى، ساياھەتچىلەر ئات ھارۋىسى ۋە توكسىكلىتقا ئولتۇرىدىغان رايونغا يېڭىدىن ئادەم بىلەن ئات ھارۋىسى ۋە توكسىكىلىتنى ئايرىش رېشاتكىسى ئورنىتىلغانلىقى، يولدىكى تۈرلۈك قاتناش بەلگىسى ۋە بەلگە تاختىسى، يول كۆرسەتكۈچ تاختىلىرىنىڭ بىردەك يېڭىلانغانلىقى، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلەر مەركىزىدە ئانا-بالىلار ئۆيى، ئىنكاس ئەرز قىلىش ئۆيى، تەشۋىقات-تەربىيە رايونى قاتارلىق بۆلەكلەرنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكىنى بايقىدى.
غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادەت ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما لىيىڭ مۇنداق دېدى: بەرپا قىلىش جەريانىدا، مەنزىرە رايونى ئاساسىي كوچىدا 1450 مېتىر كېلىدىغان ئادەم بىلەن ئاپتوموبىلنى ئايرىش رېشاتكىسى ئورناتتى، ئات ھارۋىسى، سەيلە-ساياھەت توكسىكىلىتىنى توختىتىش نۇقتىسى، ئارام ئېلىش ئورۇندۇقى قاتارلىقلاردىن 865نى يېڭىدىن كۆپەيتتى، باش تېمىلىق ئېسىل لىنىيەدىن تۆتنى يولغا قويۇپ، مەخسۇس سېتىش رايونىدىن تۆتنى تەسىس قىلدى، ھەمتۈرتكە بولۇش كۈچلۈك، ناھايىتى قىزىقارلىق بولغان بىر تۈركۈم دائىملىق ھېس قىلىش تۈرلىرىنى يولغا قويدى، يەنە يېڭىدىن ئۈچ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى ياسىدى، يېڭىدىن ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدىن 220نى كۆپەيتتى، يېڭىدىن ئىككى ئاممىۋىي ھاجەتخانە سالدى.

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونىدىكى شىبە ئات ھارۋىسى دۇكىنىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرمەكتە.
ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن سىرت، ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى يەنە چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى، ئات ھارۋىسى ھەم توكسىكىلىت مۇلازىمىتى سۈپىتى، ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش نۇقتىسى، شۇنداقلا تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان سودىگەرلەرنىڭ تىجارەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، كوناشەھەرنىڭ خاسلىقىغا ئىگە ۋە مەدەنىيەت IPسىگە ئىگە بولغان 10 نەچچە خىل مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتىنى ئۆز ئالدىغا ئېچىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى.
ۋاڭ لى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئىلى كوناشەھەر مەدەنىيەت-ساياھەت رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىشنى پۇرسەت بىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت تەسىراتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يارقىن ساياھەت نام كارتىسى بەرپا قىلىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






