شىنجاڭدا ئۆستۈرۈلگەن
جەنۇبنىڭ مېۋىسى چوۋجۈ
يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە بازارغا سېلىنىدۇ
خاتا ئاڭلىمىدىڭىز
يېقىندا ئاقسۇ شەھىرىدە
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي شىمال گىرۋىكىدە
چوۋجۈ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆستۈرۈلدى
شۇ جاي پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىغا بىرلەشتۈرۈپ
شىمالنىڭ گەنجۈسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ
ئىككى يىلدا ئۇدا مېۋىگە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى

يېتەرلىك يورۇقلۇق، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ روشەن تېمپېراتۇرا پەرقى
بۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن چوۋجۈنىڭ ئېتىنىڭ توق،
تەمىنىڭ چۈچۈمەل تاتلىق، قويۇق، شىرنىلىك بولۇشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولۇپ
مۆلچەرلىنىشىچە، يېڭى يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە پىشىپ بازارغا سېلىنىدىكەن
مو بېشى ھوسۇلى بىر توننا ئەتراپىدا بولىدىكەن
تورداشلار بۇ خەۋەردىن ئولتۇرالمايلا قالدى:
شىنجاڭدا يەنە قانچىلىك كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلار يوشۇرۇنغاندۇ

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






