ئۇچۇرنى خاتا يوللاپ قويغاندا، بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ
ھازىر، ۋىيشىندا بۇ قېتىم يوللىغان بارلىق ئۇچۇرنى بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ (كۆپنى تاللاپ يوللىغان، تۈركۈملەپ يوللىغان سۈرەت، سىن ۋە ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). ئىلگىرى، بىر-بىرلەپ قايتۇرۇۋېلىپ، ئالدىراش مەشغۇلات قىلىپ، ۋاقىت ئىسراپ بولاتتى؛ ھازىر، بىر قېتىمدىلا قايتۇرۇۋېلىپ، ئىشقا دەخلى يەتمەيدىغان بولدى.
بۇ ئىقتىدار تەدرىجىي ئومۇملىشىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭلار~

توپتا يوللانغان ئۇچۇرلارنىڭ مۇھىمىنى تاللاپ كۆرگىلى بولىدۇ
بەزى توپلاردا ئاۋارە قىلماسلىق ئىقتىدارىنى تاللىغان بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا توپتىكى @بارلىق كىشىلەر قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئۇقتۇرۇشلارنى تاپشۇرۇۋالىمىز، ئېچىپ قارىساق «بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز»...
ھازىر، ۋىيشىن توپىدا ئۇچۇر ئاۋارە قىلماسلىق ئىقتىدارىنى تاللىغاندىن كېيىن مۇھىم ئۇقتۇرۇشلارنى تاللاپ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ. «توپنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجىكى-تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار يەنىلا ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ» دېگەننى چېكىپ، «@ مەن، @ بارلىق كىشىلەر، توپ ئېلانى»نى تاللىساق، يەنە تۆت نەپەر مۇھىم توپ ئەزاسىنى قوشۇۋالساق، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر ئەسكەرتىشىنى قوبۇل قىلالايمىز. توپتا ئۇچۇرلار يىغىلىپ كەتسىمۇ يان تېلېفونىمىز تىترەپمۇ قويمايدۇ، كۆرمەكچى بولغان مۇھىم ئۇچۇرلارنىمۇ قولدىن بېرىپ قويمايمىز.
بۇ ئىقتىدار تەدرىجىي ئومۇملىشىۋاتىدۇ، كۆپچىلىك سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈڭلار~

ئادەمنى ئۆچۈرۈۋەتسەكمۇ، پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى قالدۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ
ھازىر، دوستلارنى ئۆچۈرگەندە، «ئالاقىلاشقۇچىنى ئۆچۈرۈش بىلەن بىللە پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تازىلاش» تۈرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى. ئەگەر تاللىماي، ئالاقىلاشقۇچىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن تەقدىردىمۇ، ئاساسىي كۆرۈنمە يۈزدە ئۇنىڭ بىلەن بولغان پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ.







