
10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خېنەن شەرقىي يولىدا قار ئۇچقۇنلىرى دەرەخ شاخلىرىغا چۈشمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت). جاۋ لى فوتوسى
شىنجاڭ كىلىمات مۆلچەرى ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن تۆۋەنرەك بولىدىكەن، پەقەت خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىلا تېمپېراتۇرا سەل يۇقىرىراق بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 2 سېلسىيە گىرادۇستىن 2.2 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولىدىكەن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، قومۇل شەھىرى ۋە تۇرپان شەھىرىدە تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 1.2 سېلسىيە گىرادۇستىن 1.8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولىدىكەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 0.2 سېلسىيە گىرادۇستىن 0.8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەن بولىدىكەن؛ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن 0.4 سېلسىيە گىرادۇستىن 0.8 سېلسىيە گىرادۇسقىچە يۇقىرى بولىدىكەن.
ھۆل-يېغىن جەھەتتە، 11-ئايدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھۆل-يېغىن ئاساسلىقى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا مەركەزلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى ۋە تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ھۆل يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىردىن 60 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن، قومۇل شەھىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھۆل يېغىن مىقدارى 1 مىللىمېتىردىن 5 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى ۋە تۇرپان شەھىرىدە ئاساسەن ھۆل يېغىن كۆرۈلمەيدىكەن.
ئادەتتىكى يىللارنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بورتالا ئوبلاستى ۋە قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن %70-%60 كۆپ بولىدىكەن، ئىلى ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن %50-%20 كۆپ بولىدىكەن، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرى قاتارلىق جايلاردا ھۆل-يېغىن مىقدارى ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن %50-%20 ئاز بولىدىكەن ياكى ئاساسەن ھۆل-يېغىن كۆرۈلمەيدىكەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئايدا شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان ھاۋا رايى جەريانى ئاساسلىقى بەش قېتىم بولۇپ، كۆرۈلۈش ۋاقتى ۋە كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ئالدىنقى ئون كۈننىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (ئوتتۇرا ھال)، ئالدىنقى ئون كۈننىڭ كېيىنكى مەزگىلى (ئوتتۇراھال ئاجىز)، ئوتتۇرا ئون كۈننىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (ئوتتۇراھال)، كېيىنكى ئون كۈننىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى (ئوتتۇراھال) ۋە كېيىنكى ئون كۈننىڭ كېيىنكى مەزگىلى (ئوتتۇراھال ئاجىز)دىن ئىبارەت.
شىنجاڭ كىلىمات مەركىزى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدا قىش پەسلى ئومۇميۈزلۈك بالدۇر كىرىدىكەن، 11-ئايدا سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئىللىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۆتۈرۈلۈش-پەسىيىش دەرىجىسى چوڭ بولىدىكەن، سوغۇق ئېقىم، قېلىن قار، بوران، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئۈششۈكنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىققا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىپ، كۈزلۈك يىغىمنى ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوچۇقچىلىقتا كۆكتات يىغىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە ئىسسىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەش، چارۋىلارنى سوغۇقتىن ساقلاپ يەم-خەشەك تولۇقلاش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش ھەمدە كۈزگى بۇغداي ۋە باغۋەنچىلىك ئېتىزلىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.
مۆلچەرلىنىشىچە، 11-ئايدا شىمالىي شىنجاڭدا ھۆل-يېغىن ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن سەل كۆپرەك بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، بورتالا ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا قار ئاپىتى خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى بولىدىكەن، مايتاس شامال رايونى، ئالتاي ناۋخەي شامال رايونى قاتارلىق شامال ئېغىزلىرىدا شىۋىرغان چىقىپ، قاتناش-تىرانسپورت، شەھەر قاتنىشى، قىشلىق ساياھەتچىلىككە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن، شۇڭا تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەپ، يوللاردىكى قارلارنى تازىلاپ قاتناشقا كاپالەتلىك قىلىش، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، ساياھەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇش كېرەك.
«تىيانشان تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






