تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيلى

− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئون مەيدان رايون تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، شەرق بىلەن غەرب ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جەنۇب بىلەن شىمال ماسلىشىش، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت رايون تەرەققىياتىنىڭ ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان ئومۇمىيەتتە، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتىن، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىشقىچە، ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، باشقا رايونلار خاس ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا جۇشقۇن قۇۋۋەت قوشتى.

2024 - يىلى 2 -، 3 - پەسىلدە، كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزدە ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايدى. شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنى كەسكىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتىكى بىر قېتىملىق ئابىدىلىك تەدبىر قوللىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بازار ئىشەنچىنى كۈچلۈك ئۇرغۇتۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى، ئاساسلىق ماكرولۇق كۆرسەتكۈچلەر ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتى ساقلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، بىز كىرىزىس داۋامىدا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت ئېچىپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىدۇق.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەسىرلىك يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ بىلەن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇنداق مۇھىم ھۆكۈمىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردۇق: «بىزنىڭكىدەك بۇنداق چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، ئەگەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى بولمىسا، ئەگەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، قەدەمنى بىردەك ئېلىشى بولمىسا، ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ».

تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكتە شۇنچە ياخشى چىڭ تۇرۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، دۇچ كېلىدىغىنى ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت، ئۆزىنى قاچۇرغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا جەزمەن ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپلار ئىچىدە باش ئورۇنغا قويۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى داۋاملىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىش قىلىش - نەتىجە يارىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. بۇ تەلەپلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىغاندىلا، ئاندىن بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

جەزمەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش كېرەك، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات شۇنچە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان چىدامچانلىق ۋە قەيسەرلىك بىلەن، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى تەلىپىنى قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جېڭى، ئومۇمىي جېڭىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ قىممەت يۆنىلىشى قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان كۈچ مەنبەسىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، كادىرلارنى پاكىز ئىش قىلىش، دادىل ئىش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك.

ھازىر، 2035 - يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پەقەت ئون يىل ۋاقىت قالدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىمۇ پەقەت 20 نەچچە يىللا ۋاقىت قالدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى پىلانلاندى، بۇ بەش يىل دەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. جەڭ دۇمبىقى چېلىنىپ، سەپەرگە ئاتلىنىشقا ئۈندىمەكتە، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ؛ يەلكەن چىقىرىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قەتئىي ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ چەكسىز ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.