تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى «چەۋەنداز» ئىزى

− ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ قاراماي ئوچۇق داشۆسى چەۋەندازلار شۆيۈەنى توغرىسىدا

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

بۇ يىل يازدىن بۇيان، قاراماي شەھىرىدىكى ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەنداز زۇلپىقار ئىسمايىل ناھايىتى كۈچەپ ئىشلىدى.

«بىز ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلار قاراماي ئوچۇق داشۆسىگە ۋاكالىتەن شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇق، يەنە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق!» دېدى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، زۇلپىقار پەخىرلەنگەن ھالدا.

ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلار قانداق قىلىپ ئوچۇق داشۆگە ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشتى؟

قاراماي ئوچۇق داشۆسى چەۋەندازلار شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى سۈي جيايۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2024 - يىلى 3 - ئايدا، مەكتىپىمىزدە چەۋەندازلار شۆيۈەنى قۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلار توپىغا قارىتىلغان تۇنجى مەكتەپ بولۇپ قالدى. چەۋەندازلار شۆيۈەنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ بىلەن كەسپىي تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلار توپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىغا ياردەم بەردى.

زۇلپىقار دەل چەۋەندازلار شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، چەۋەندازلار شۆيۈەنىدە ئوقۇۋاتقان ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلار مەكتەپكە ۋاكالىتەن قاراماي شەھىرى ئۆتكۈزگەن «دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش سالمىقىنى زورايتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى جۇڭخۇا كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

«مەن جۇڭگولۇق» مەشىق قىلغان ئاشۇ مەزگىلدە، زۇلپىقار باشقا ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئېنىق تەلەپپۇز قىلىش، ئاۋاز چىقىرىشنى ئەستايىدىل ئۆگەندى.

مەشىق گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدى. «ياز كۈنلىرى ھاۋا بەك ئىسسىق بولغاچقا، چەۋەندازلار شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى ۋە ۋەيمەي تەقسىملەپ يەتكۈزۈش سۇپىسىنىڭ رەھبەرلىرى دائىم بىزنى يوقلاپ كېلىپ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىچىملىكلەرنى ئەكىلىپ بەردى.» زۇلپىقار مۇنداق دېدى: ئاشۇ دەقىقىدە، مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، كۆپچىلىك ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىشنى ئۆگىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق مەدھىيە ناخشىسىنى ئورتاق پۈتتۇق.

تېخىمۇ كۆپ ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، چەۋەندازلار شۆيۈەنى يەنە «پونكىت دەرسخانا» ئەندىزىسىنى ئىجادىي يولغا قويۇپ، قاراماي شەھىرىدىكى سەككىز ئاساسلىق ۋەيمەي پونكىتىدا كۆچمە ئوقۇتۇش نۇقتىسى تەسىس قىلدى. دەرسخانىدا يەنە «كۆرۈنۈشلۈك ئوقۇتۇش + ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت تىلى بىلەن دۆلەت ئورتاق تىلىنىڭ تەلەپپۇز پەرقىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەخسۇس تەلەپپۇز تۈزىتىش دەرسىنى لايىھەلىدى، بۇ يەردە كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار جانلىق، قىزىقارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كۆپچىلىكنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەيدۇ.

«ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدۇم! سودىگەرلەر، خېرىدارلار بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدۇم، كىرىمىممۇ ئاشتى.» ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەنداز ئادىل مەمەت ئىلگىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى قوللىنىشتا پىششىق بولمىغاچقا، دائىم تەقسىملەپ يەتكۈزۈش ئادرېسىنى تاپالماي، خېرىدارلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ئەرز قىلىنغانىدى. دەل ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن چاغدا، چەۋەندازلار شۆيۈەنىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارغا قارىتا مەخسۇس ھەقسىز دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش دەرسى تەسىس قىلغانلىقىنى بىلىپ، قىلچە ئىككىلەنمەي تىزىملاتتى، «تىل توسالغۇسى بولمىغاچقا، مەن بۇ شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقىمنىڭ بىردىنلا يېقىنلاشقانلىقىنى ھېس قىلدىم».

چەۋەندازلار شۆيۈەنى ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە تەربىيەلەشنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇردى. مەدەنىيەت لېكسىيەسىدە، مۇتەخەسسىسلەر كۆپ تەرەپتىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى ھېس قىلدۇردى؛ ئەنئەنىۋى بايراملاردا، كۆپچىلىك بىرلىكتە چۇنليەن چاپلاپ، زۇڭزا تۈگۈپ، بايرام ئىللىقلىقىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

تىل ئۆگىنىش پەقەت شۆيۈەن ئاچقان دەرسلەرنىڭ بىر قىسمى. ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېپيېڭى كەسپىي تەرەققىيات سەھىپىسىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، چەۋەندازلار شۆيۈەنى دىققەتنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بازار ئېھتىياجىغا دەل جايىدا ئۇدۇللىشىپ، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارغا ماس كېلىدىغان بىر قاتار ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىرىنى تەسىس قىلدى، مەزمۇنى كارخانا باشقۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى - رېمونت قىلىش، ئالاقە تورى تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.

ئادىمىيەت غەمخورلۇقى خۇددى قىش كۈنلىرىدىكى ئىللىق قۇياشتەك ئىتتىپاقلىق - تەرەققىياتتىكى مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنى قارامايدىن ئىبارەت بۇ شەھەردە كۆڭلىدىكىدەك ماكان تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەنداز ئېربول ئۆنەرقان بالىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئېغىر كېسىلى قوزغىلىپ قېلىش سەۋەبلىك ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا پېتىپ قېلىپ، بىر مەھەل قارامايدىن ئايرىلماقچى بولدى، شۆيۈەن ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قولىنى سۇندى. بالىسىنىڭ كېسىلى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئېربول بۇ يەردە قېلىپ، بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشقا ئىرادە باغلىدى.

ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، كەسپىي بوغما ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى شەھەردىكى «يولۇچى»دىن يېقىملىق «ئائىلە كىشىلىرى»گە ئايلىنىشقا يېتەكلەش... قاراماي ئوچۇق داشۆسى چەۋەندازلار شۆيۈەنى بىلەن ۋەيمەي توشۇيدىغان چەۋەندازلار بىرلىكتە پۈتكەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى «چەۋەنداز» ئىزى سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىلدىن ئاشقان بۇ شۆيۈەن ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كوللېكتىپ بولۇپ تەقدىرلەندى.

«بۇ شەرەپ، شۇنداقلا ئىلھام. بىز داۋاملىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گېنىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا چوڭقۇر نەقىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ رەڭدار ئېچىلدۇرىمىز» دېدى سۈي جيايۈ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.