تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز

شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى −

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى پىلانلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»گە مەركەزلەشتۈرۈپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى:

يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىمىز

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي پۇختا زىممىگە ئېلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت بايلىقىغا دائىر سوت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئالدىنقى باسقۇچتا زىددىيەت - ماجىرالارنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ھەل قىلىشقا سىڭىشىپ، ئوتتۇرا باسقۇچتا دەۋا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سوت قىلىش، ئىجرا قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:

ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز

10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، ئېنېرگىيە يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتلىك تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كونكرېت تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يىللىق تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ۋە «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى:

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىشنى چوڭقۇر، سىستېمىلىق ياخشى تۇتۇپ، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىپ يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېز قوزغاش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ نىشانى، پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئىلمىي پىلانلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھى ئارقىلىق يېتەكلەپ ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى:

ئەدلىيە مەمۇرىيىتى خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز

10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئومۇمىي يىغىندا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان نىشان - ۋەزىپە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ماجىرالارنى ھەل قىلىش، قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنىڭ قانۇنچىللىق توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا يۈزلەنگەن قانۇن مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، بايلىقنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى نىزام چىقىرىش ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى قانۇنچىللىق يولى ئارقىلىق تەڭشەپ، ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ماجىرالارنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇلازىمىتى ئېكولوگىيە چەمبىرىكىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىچكى قىسىم بىلەن سىرتنى تۇتاشتۇرىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىيىتى خىزمىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى:

ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىمىز

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتىنى ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، «ياش لېكتورلار ئۆمىكى» «قىزىل گالىستۇكلۇقلار سەييارە نۇتۇق سۆزلەش ئۆمىكى» «ياشلار بىرلەشمىسى چوڭ دەرسخانىسى» قاتارلىقلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يىل بېشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، كېيىنكى نۆۋەتلىك ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتتە تۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارغا ئائىت تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كېڭەيتىپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى:

زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاياللار ۋە بالىلارغا نەپ يەتكۈزىمىز

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: خىلمۇخىل شەكىلدە ئاياللار چوڭ لېكىسيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تاراتقۇ سېپىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق «ئانار گۈلى» لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللار ئاممىسى ياقتۇرىدىغان ئۇسۇللار ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر سۆزلەپ، ئېنىق سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈش كېرەك. مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاياللارنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، «ئانار گۈللىرى ئېچىلىپ تىيانشاننى جۇلالاندۇرۇش» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاياللارنى ئىدىيە جەھەتتە يېتەكلەش، ئاياللار تۆھپە يارىتىش، ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاياللار، بالىلار ۋە ئائىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ يۈنمېي، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، شى شىن، لى جيانى، سۈي يۈنيەن، يەن شياۋتيەن، سى لۇلۇ)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.