− جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقىغا نەزەر
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئورۇندىلىش نىسبىتى %81.5كە يەتتى، كارخانا ئومۇمىي سانى 44 مىڭدىن ئاشتى، ئۆلكە دەرىجىلىك تۈزۈمدە 35 تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسى شەكىللەندى... غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى، شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياش ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى 2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلغاندىن بۇيان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى.
ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس ئۈچ بۆلەك رايونى دادىل سىناق قىلىپ، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ 10 مىڭدىن بىرىگىمۇ يەتمەيدىغان كۆلىمى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىگە %40 تۆھپە قوشتى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى «سىناق ئېتىزى»دىن پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان «يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىز»غا ئايلانماقتا.
تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىندى
ئېچىۋېتىش چوڭ تومۇرى راۋانلاشتۇرۇلدى
10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قورغاس بۆلەك رايونى تۇنجى ئامبار تالونىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىردى، بۇ، بۆلەك رايوننىڭ پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، كارخانىلارنىڭ ساقلانما مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش جەھەتتە ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى يادرولۇق ۋەزىپە. ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ھەرقايسى بۆلەك رايونلىرى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ماسلاشتۇرۇش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ تۈزۈم ئىسلاھاتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
«ئىلگىرى تاموژنىغا مەلۇم قىلىشقا ئۈچ سائەت ۋاقىت كېتەتتى، ھازىر بىر سائەتتىلا تاماملىغىلى بولىدۇ. ئەتىگەندە قاچىلىغان مال چۈشتىن كېيىنلا قازاقىستانغا يېتىپ بارىدۇ.» بۇ، قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى يۈ خۇەننىڭ بىۋاسىتە تەسىراتى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئېچىۋېتىش يولىنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.
ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى لى چىڭخۇا مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلانغاندىن بۇيان، تاموژنا باشلامچىلىق بىلەن 22 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتتى، 14 تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاماملىنىش نىسبىتىنى %63كە يەتكۈزۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىككى تۈركۈمدە 35 تۈرلۈك بەلگە خاراكتېرلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، «چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى شوپۇر خادىملارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈشىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يېڭى ئەندىزىسى» «ئېكسپورت تاۋار ئاپتوموبىللارنى ئۆزى ھەيدەپ تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى» قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك نەتىجە دۆلەت تارماقلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ياكى ئەنگە ئېلىشىغا ئېرىشتى.
«ئىستېرېئولۇق شەكىل»دىكى ئىسلاھات غەربكە يۈزلەنگەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چوڭ يولىنىڭ ئۈنۈمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. «تاشيول پورتى + تەۋەلىك بويىچە تاموژنىدىن بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى سەككىز تاشيول پورتى ۋە تەۋەلىكتىكى بەش كەسىپ بېجىرىش نەق مەيدانىنى قاپلاپ، جۇڭگو - قازاقىستان، جۇڭگو - قىرغىزىستان، جۇڭگو - تاجىكىستان تاشيول پورتلىرىدا يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش «يېشىل يولى» بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكسپورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى بەش كۈندىن بىر كۈنگە قىسقارتتى؛ قەشقەر «جەنۇبىي شىنجاڭ كەسىپلەرنى مەركەزلىك تەكشۈرۈش مەركىزى» 47 تۈرلۈك كەسىپنى «بىر پونكىت شەكلى»دە بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا «ئۇچۇش رايونى ئەتراپىدا بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» يېڭى ئەندىزىسى ئىمپورت - ئېكسپورت ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقىت ئۈنۈمىنى %90تىن كۆپرەك ئاشۇردى.
يول ئىقتىدار دەرىجىسىنىڭ تېز ئۆرلىشى سودا كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى 155 مىليارد 340 مىليون يۈەنگە يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %39.5ىنى ئىگىلىگەن؛ شىنجاڭدىكى پورتلار ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 13 مىڭ قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.2 ئاشقان، چېگرادىن ئۆتكەن نۆۋەتچى پويىز قېتىم سانىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشقان.
تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ سىجىل ئۆستۈردى. جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش - سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى بۇ يىل 4 - ئايدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، «ھۆكۈمەت يېتەكلەش + كارخانا تىجارەت قىلىش + بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى، بۇ مەركەزگە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 84 كەسپىي ئاپپارات توپلانغان بولۇپ، قانۇن، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى قاپلىدى. «مەركىزىمىز قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندا مەملىكەت سىرتى شۆبە مەركىزى قۇردى، كەلگۈسىدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بۇنى كارخانىلارنىڭ مەملىكەت سىرتىغا چىقىشى ۋە تاشقى ئىقتىساد - سودا مۇلازىمىتىدىكى <باش كۆزنەك> قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز» دەپ تونۇشتۇردى تىجارەت قىلغۇچى تەرەپ شىنجاڭ ئاسىيا - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش - سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى لىنلىن.
كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇشتا ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈلدى
تەرەققىيات يېڭى موتورى قوزغىتىلدى
پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئىچكى تەلىپى.
قەشقەر بۆلەك رايونى «كەسىپلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، سىياسەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت قوش كەسىپلەر باغچىسى ھەمكارلىق ئورنىتىش مېخانىزمى ئۈستىدە سىجىل ئىزدىنىپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى ئۈنۈملۈك راۋانلاشتۇردى. 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، 2025 - يىللىق جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى دۆلەتلەر ئايرىمىسى بويىچە كەسىپلەر باغچە رايونىغا سودىگەر چاقىرىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، پاكىستان، تاجىكىستان تۆت دۆلەتنىڭ جەمئىي 70كە يېقىن ھۆكۈمەت، سودىگەرلەر ۋەكىلى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى 220دىن ئارتۇق كارخانا مەسئۇلىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، جەمئىي 21 نۇقتىلىق تۈردە كېلىشىم ئىمزالاندى، بۇ، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى، يېڭى ئېنېرگىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق كۆپلىگەن ئالدىنقى سەپ ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنما 3 مىليارد 880 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدا، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە بويىچە تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ياساش، تىجارەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش بىر گەۋدە قىلىنغان «تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى» ئۇنىۋېرسال كەسىپلەر باغچە رايونى قەد كۆتۈرمەكتە. بۇ يىل، شىنجاڭ گوۋېي ھەممىباب ئاۋىياتسىيە مەبلەغ سېلىش تىجارەت چەكلىك شىركىتى قۇرغان گوۋېي ھەممىباب ئاۋىياتسىيە كەسىپلەر باغچىسى تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، بۇ، ئۈرۈمچى تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ كەسىپلىشىش، توپلىشىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى مىدۇڭ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىگە ماكانلىشىشنى تاللاشتا، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ كۆپ ئۆلچەملىك يادرولۇق ئەۋزەللىكىنى كۆزدە تۇتتۇق.» بۇ شىركەتنىڭ مەمۇرىي دىرېكتورى سۈي جيېخۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئۈرۈمچى غەربكە يۈزلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى بىلەن ئۇدۇللىشالايدۇ، شەرققە يۈزلىنىپ شىنجاڭ ئىچى، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆۋەن بوشلۇق ئۇچۇش تورىنى تېز بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەر ئارا قىسقا مۇساپىلىك قاتناش، چېگرا ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى ۋە خەلقئارا تۆۋەن بوشلۇق ھەمكارلىقى ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.
«ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش»تىن ئىبارەت ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى خاسلىققا ئىگە ئېشىش موتورىنى شەكىللەندۈرۈپ، توپلىنىش ئۈنۈمى ۋە كۆلەملىك ئىقتىساد ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى.
جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئىلىم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن ۋېنلىڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس ئۈچ چوڭ بۆلەك رايونىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىككە ئىگە: قەشقەر بۆلەك رايونى جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىغا تايىنىپ، نوپۇس ۋە كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئۈنۈمىنى گەۋدىلەندۈردى؛ قورغاس بۆلەك رايونىدا كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەر گىرەلىشىپ، ئۆلچەملىك رېلىس بىلەن كەڭ رېلىسنى چېگرا ئىچىدە تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تۈزۈملەشتۈرۈپ جىپسىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا تېخىمۇ ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى پاختا سودىسى، داۋالاش مۇلازىمىتى، مائارىپ ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە كۈچەپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن خەلقئارالاشقان رايون مەركىزى بەرپا قىلدى، ئۈچ چوڭ بۆلەك رايون شىنجاڭنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولماقتا.
مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۈنۈم ئۆستۈرۈلدى
تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇندى
قانۇنچىللىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل، تېخىمۇ مۇھىمى بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.
10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇەنتاۋ ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونىغا ماكانلىشىپ، بۇ قانۇن ئىشلىرى رايونىغا تۇنجى بولۇپ ماكانلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن مۇلازىمىتى مەركىزى بولۇپ قالدى.
«قانۇن ئىشلىرى رايونى قۇرۇلۇشى <ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش> بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ھازىر ئىككىنچى باسقۇچقا قەدەم قويدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شياۋيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە چەت ئەلگە ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ قانۇن مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئادۋوكاتلار كوللېكتىپىنى قۇرۇپ، مەۋقە شىنجاڭغا قويۇلغان، دۆلەت ئىچىگە يۈزلەنگەن، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قانۇن مۇلازىمىتى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. نۆۋەتتە، قانۇن ئىشلىرى رايونى ئادۋوكاتلىق، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، كېسىم، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ، «بىر پونكىت شەكلى»دە تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈردى.
ئىككى يىللىق ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەدەمنى تېز ھەم پۇختا ئېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، ئىسلاھات پايدىسىنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىپ، رايون تەسىر كۈچىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى.
قازاقىستان ئىقتىساد باشقۇرۇش ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنى جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاڭ شياۋتۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى دىققەتنى جۇغراپىيەلىك ئىقتىسادتا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، قورغاس قاتارلىق پورتلاردا دۆلەت ھالقىغان ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگونىڭ يېشىل ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەۋزەل قائىدىسى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ھەمبەھرىلەپ، رايون ئىقتىسادى ھەمتۈرتكە بۆلىكىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى شۈەن مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق خاس كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، پۈتۈن زەنجىرلىك توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ چوڭ بۆلەك رايوننىڭ ماس ئېچىۋېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.
«شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش»تىن ئىبارەت رايون ئورنى ئۈستۈنلۈكى، گىرەلەشمە قويۇپ بېرىلگەن سىياسەت پايدىسى ھەمدە سىجىل ئۇرغۇتۇلغان ئىسلاھات ھاياتىي كۈچىگە تايىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىن ئىبارەت بۇ «سىناق ئېتىزى» تەرەققىي قىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان «يۇقىرى ھوسۇللۇق ئېتىز»غا ئايلانماقتا.






