
شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن چىڭجوۋ مۇزېيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇ بەييۈ، دۇڭ شۆ) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن چىڭجوۋ مۇزېيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
11 - ئايدىكى چىڭجوۋدا كۈز مەنزىرىسى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەنىدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلگەندە، كورېيە مۇراسىم ئەترىتى داغدۇغىلىق قارشى ئالدى.
لى زەيمىڭ شى جىنپىڭنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بىللە سۈرەتكە چۈشتى.
شى جىنپىڭ لى زەيمىڭ بىلەن بىللە پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ لى زەيمىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان مۇھىم يېقىن قوشنىلار، شۇنداقلا ئايرىلالمايدىغان ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش باشتىن - ئاخىر ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان توغرا تاللاش. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، كورېيەگە قاراتقان سىياسىتىدە ئىزچىللىقنى، مۇقىملىقنى ساقلايدۇ، كورېيە تەرەپ بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش توغرىسىدا تۆت تەكلىپ بەردى.
بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىگە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش داۋامىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش كېرەك. ھەرقايسىسىنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ئېتىبار بېرىپ، دوستانە كېڭىشىش ئارقىلىق زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلىشىش يولى ۋە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنپەئەت رىشتىنى چىڭىتىش كېرەك. قوشنىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۆزىگە ياردەم قىلىشتۇر. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق سۆھبىتىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيودورا ياساش، يېشىل كەسىپ، ياشانغانلار ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن كورېيە ئىككى دۆلەت توردا قىمار ئويناش ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ ۋە رايون قاتلىمىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىسا بولىدۇ.
ئۈچىنچى، دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر ۋە خەلق رايىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي ئۇچۇرلارنى كۆپرەك تارقىتىپ، پاسسىپ يۆنىلىشنى تىزگىنلەش كېرەك. ساغلام، پايدىلىق بولغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەر، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، يەرلىك قاتارلىقلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى جانلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇپ پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تىنچ تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسى ۋە رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو - كورېيە ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىن ئىبارەت تىرەك شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرمىدى، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدۇ.
لى زەيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن 11 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەت كورېيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كورېيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. كورېيە بىلەن جۇڭگو قوشنا، تېخىمۇ مۇھىمى ئايرىلماس ھەمراھلار. كورېيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە، يەرلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدا كەلگۈسى بەش يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، كورېيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەت پۇقرالىرى ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى ياخشىلاشنى خالايدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ 2026 - يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، قانۇن ئىجراسى، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
شۇ كۈنى كەچتە، لى زەيمىڭ شى جىنپىڭ بىلەن كىچىك دائىرىدە دوستانە پىكىر ئالماشتۇردى ھەم شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.






