
شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: يىغىندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن چېڭبىن، گاۋ چۇەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن يېڭى مەنزىل ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرسىز بولماقتا، دۇنياۋى تەرەققىيات قىزىل رەقىمى كۆپەيمەكتە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسلار كۈچەيمەكتە. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈزەل ئەتىنى ئورتاق يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىجادىي تەرەققىي قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىش كېرەك. يېڭى تېخنىكىنىڭ تۈرتكە بولۇش ۋە كۈچ قوشۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخنىكا ئوچۇق مەنبە كودى بويىچە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئېچىۋېتىلگەن يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ پايدىلىق، بىخەتەر، ئادىل يۆنىلىشكە قاراپ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، خەلق ئاممىسىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساپاسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ رەقەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدار ھاڭىنى تولدۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىككىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەۋلادلارغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يېشىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېشىل تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنى ئەركىن ئوبوروت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە پائال تاقابىل تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە 2035 - يىل دۆلەت ئۆز ئالدىغا تۆھپە قوشۇش نىشانىنى تاپشۇردى، كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى ۋە سىجىللىقىنى قوش تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدۇ.
ئۈچىنچى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەجرىبىلەرنى ھەمبەھرىلەش، ئەمەلىي ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىساد - تېخنىكا ھەمكارلىقىدىكى ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. جۇڭگو بارلىق كىشىلەرنى، پۈتكۈل ھايات دەۋرىيلىكىنى قاپلىغان نوپۇس مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق سەھىيە - ساغلاملىققا كۈچ قوشۇش، ئاياللارنىڭ رەقەم جەھەتتىكى ساپاسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدۇ.
يىغىندا «2025 - يىللىق APEC رەھبەرلەر چىڭجوۋ خىتابنامىسى» «APEC سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەشەببۇسى» «APEC نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش رامكا ھەمكارلىق ھۆججىتى» قاتارلىق نەتىجە ھۆججىتى ئېلان قىلىندى.
يىغىندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.
10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.






