تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەيلى

​− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خەۋپسىزلىك − تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تەرەققىيات − خەۋپسىزلىكنىڭ كاپالىتى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش» «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەل قىلىش شەرت بولغان بىر مۇھىم پىرىنسىپ قىلىنىپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش» ئاساسلىق نىشانلارنىڭ بىرى قىلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى چۆرىدەپ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىر مۇھىم پىرىنسىپى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ كىرىزىسنى تۈگىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. بىز ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، «دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى»گە ئايلاندۇق.

«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى پۇختىلاش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى سىجىل ئېشىپ، يىللىق ھوسۇلى باشتىن - ئاخىر 1 تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى؛ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە قىلىنىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، ئىستېمال ئېشىش مىقدارىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى دۆلەت ئىچىدە ئۆز ئالدىغا كاپالەتلەندۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش نەزەردە تۇتۇلۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆي - زېمىن، يەرلىك قەرز، ئوتتۇرا - كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارغا دائىر خەۋپ - خەتەر ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈگىتىلدى؛ قورشاش، چەكلەش، بېسىش ئالدىدا، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى مەھكەم ئىگىلەندى... ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى. كەلگۈسى بەش يىلدا، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان ھەر خىل ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز خەۋپ - خەتەر ئامىللىرى كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈللىشىدۇ. ئومۇمىي يىغىندا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش چۆرىدىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، نۇقتىلىق ساھەلەردە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش چۆرىدىلىپ، ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرغاندا، چوقۇم تۈرلۈك خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

تىنچ - ئامانلىق خەلق بەختىنىڭ جان تومۇرى. بۇ يەردە «تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ - ئامان جۇڭگو قۇرۇش»نى مىسالغا ئېلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى قانداق مۇستەھكەملەش، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى قانداق كۆزلەش توغرىسىدىكى چۈشەنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە قاتىللىق دېلوسى يۈزبېرىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزۈلۈش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن، قورال - ياراغ، پارتلاتقۇچ بۇيۇمغا چېتىشلىق دېلولار ئەڭ ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى. «2025 - يىللىق دۇنيا خەۋپسىزلىك دوكلاتى»دا مۇنداق قارالدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، مەيلى جۇڭگو خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولسۇن ياكى جۇڭگونىڭ «قانۇن ۋە تەرتىپ كۆرسەتكۈچى» رەت تەرتىپى بولسۇن، ھەممىسى غەربتىكى بارلىق چوڭ دۆلەتلەردىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. تىنچ - ئامانلىق نېمە ئۈچۈن يارقىن دۆلەت نام كارتىسى بولۇپ قالدى؟ ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگونىڭ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدا، تايانغىنىمىز تۈزۈم، تايانغىنىمىز بىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى يۈكسەك ئىقتىدارىمىز.

يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىدىن، «يېڭى دەۋردىكى ليۇچىشياڭ كوچىسى خىزمەت ئۇسۇلى»نىڭ مەنبەدىن ئىدارە قىلىش، كۆپ خىل ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئىناق بولۇش - ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىشىغىچە، ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ تۈرتكە بولۇشتىن، قانۇنچىللىق ئارقىلىق قوغداپ تىنچ - ئامان جۇڭگو ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەشكىچە... «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بىز ئىچكى - تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسنى ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، خەۋپسىزلىكنى قوغداش ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

داغدام يول دېگىنىمىز تۈپتۈز كەتكەن يول دېگەنلىك ئەمەس. مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىشلار مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەلبكە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى پۈكۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقىتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈپ، بىز چوقۇم قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.