تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ تارماق قول تۇتۇشۇپ ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىدۇ

■ئىستون سۆزى

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى فاڭجېنى ۋە ئاساسلىق نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر كۈچلۈك ساداسى ياڭرىتىلدى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

ئېتىز باشلىرى، كارخانا سېخلىرىدىن كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىي ئىشلەشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلانماقتا. بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «4 - ئومۇمىي يىغىن روھى ئاساسىي قاتلامدا» مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، دىققەتنى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى جانلىق ئىزدىنىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ئېسىل مال سېتىۋېلىش، ئېسىل مەززىلىك تائاملار، سەرخىل ساياھەت، نەپىس ئويۇن قويۇشنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى مەركەزلىك يولغا قويۇلدى. 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى بىرلىكتە «شىنجاڭدا سېتىۋېلىش. 2025 - يىللىق ئېسىل ئىستېمال ئېيى» پائالىيىتىنى باشلىدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلاش، ئىستېمال تەسىراتىنى بېيىتىش، ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال تەمىناتىنى ئاشۇرۇش، ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش.

بۇ پائالىيەتتە دىققەت ئاپتوموبىل، تەييار ماي، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يەرلىك ئىستېمال ياردەم پۇلى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ياردەم پۇلىغا سودىگەرلەرنىڭ پايدىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى گىرەلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق ئېتىبار بېرىش سالمىقى زورايتىلىدۇ. ھەرقايسى جايلار مەززىلىك تائاملارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش، باھالاپ سېلىشتۇرۇش، خاس ئۇششاق يېمەكلىكلەر بازىرى، كونا داڭلىق ماركا كاتتا مەرىكىسى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ۋەيمەي سۇپىلىرىنى يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال بېلىتى تارقىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالى قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.

شىنجاڭ ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىستېمالنىڭ سىجىل قايتا ئېشىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ بويىچە جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 294 مىليارد 34 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشتى.

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇش» «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىستېمال تەمىناتىنى كېڭەيتىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى كۈچەيتىلدى. شىنجاڭنىڭ ياز پەسلىدىكى ساياھەتچىلىكتە جۇغلانغان ئالقىشلىق كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، ئالتۇن كۈز پەسلى ۋە قار - مۇز پەسلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى دىققەتنى «ئىستېمالنى جانلاندۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى سودا ئاساسىي گەۋدىلىرىنى پائال كۈچ چىقىرىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، «ئېقىم مىقدارى»نىڭ «قالدۇرۇلغان مىقدار»غا ئۆزگىرىشىگە، «كىشىلەر كەيپىياتى»نىڭ «سودا كەيپىياتى»غا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ شەنشەن ئوتلېتس مال سېتىۋېلىش مەيدانى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى لى يۈەنيۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: پائالىيەت مەزگىلىدە، سودا سارىيىمىز 100 داڭلىق ماركىدىكى بۇيۇملارنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش، بەلگىلىك سوممىغا يەتسە سوۋغا بېرىش، ئەزالار مەخسۇس ئىستېمال بېلىتىنى يولغا قويىدۇ، «بالىلار تىياتىرى» قاتارلىقلارنى ماس قەدەمدە كىرگۈزۈپ، سودا بىلەن مەدەنىيەت - تەنتەربىيەنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

جۇش ئۇرۇپ ئېشىۋاتقان ئىستېمال بازىرىدا، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. شىنجاڭ يېمەك - ئىچمەك جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ روبىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ تەمگە باي يىپەك يولى مەززىلىك تائاملار بايرىمى، تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ مىفېن بايرىمى ئىستېمالغا تۈرتكە بولغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىز 2025 - يىللىق شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قار - مۇز خوگو بايرىمىغا تەييارلىق قىلىپ، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمال قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان باش تېمىلىق مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتىنىڭ سىجىل يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يېزا - كەنت ساياھىتى، كېچىلىك ساياھەت قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى ۋە قار - مۇز ساياھىتى سىجىل جانلاندى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىستېمالنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتورغا ئايلاندى. 19 - نۆۋەتلىك شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا يەرمەنكىسى ھەم 2025 - يىللىق شىنجاڭ ئىللىق قار بايرىمى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى باشلىنىدۇ، «قار - مۇز +» كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق «سوغۇق بايلىق»نى «ئىسسىق ئىقتىساد»قا ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جاڭ جيې مۇنداق بىلدۈردى: ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش 2025 - يىلى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، خاس مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى ۋە ئىستېمال ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ياردەم پۇل، ئىجادىيلىق يۇغۇرۇلغان ھېس قىلىش، بىخەتەر، قولايلىق بولغان مۇلازىمەت ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى «شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»تىن «شىنجاڭنى ھېس قىلىش» «شىنجاڭنى ياقتۇرۇپ قېلىش»قا جەلپ قىلىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سودا - ساياھەت، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە يۇغۇرما ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ساياھەت + مال سېتىۋېلىش + مەززىلىك تائاملار + ئويۇن قويۇش»تىن ئىبارەت چۆكۈش شەكلىدىكى ئىستېمال مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان توپتىكىلەرگە يۈزلەنگەن كۆپ خىللاشقان ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمال بازىرىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىللاشقان ئىستېمال تاللىشى يارىتىپ بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.