− پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئورتاق بېيىش نىشان تەلىپى پۇختا ئىگىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، يۈز مىليونلىغان خەلق يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلدى، رىغبەتلەندۈرۈلدى.
خەلق تۇرمۇشىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان بارلىق كۈرەشلەرنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلىشىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ياراتتى.
«14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ھەر يىلى شەھەر - بازارلاردا 12 مىليوندىن ئارتۇق كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 79 ياشقا يەتتى، مەملىكەت بويىچە ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئارقىلىق 560 مىليون ئادەم قېتىمغا نەپ يەتكۈزۈلدى، يەسلى مائارىپى بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %92كە يەتتى... خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ قىممەت يۆنىلىشى قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈردى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن چەت ئەللىك دوست مۇنداق باھا بەردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئومۇمىي خەلقنى يېتەكلەپ ئورتاق بېيىشقا ئاتلاندى.
ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىش جەريانى بولۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش شەرت. ئومۇمىي يىغىننىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاش گەۋدىلىك تەكىتلەندى، بۇ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر ئومۇمىي خاراكتېرلىك تەلەپ. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇشنى چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئاساسلىق نىشاننىڭ بىرى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئومۇمىي يىغىندا ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى چۆرىدەپ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئېرىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ رايونلار پەرقى، شەھەر - يېزا پەرقىنى كىچىكلىتىش كۆزدە تۇتۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر تۈركۈم ئەمەلىي تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتە ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى، تۆۋەندە بۇنى مىسال قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەھلىل قىلىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا، ھەم ئاۋات شەھەرلەرنى قۇرۇشىمىز، ھەم گۈللەنگەن يېزىلارنى قۇرۇشىمىز كېرەك.» «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، «مىڭ - تۈمەن قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىش ۋە پايدىلىنىشنى يېتەكچى قىلىپ يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ پۇقرالارنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە يەتكۈزۈلۈشىدىن ئىبارەت بېيىش يولى، بەخت يولى، قەلبداشلىق يولى، گۈللىنىش يولىغىچە، دۆلىتىمىز شەھەر - يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، شەھەر - يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشى تېخىمۇ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا كۆپ يىل شەھەر - بازارلارنىڭكىدىن تېز بولدى، 2024 - يىلى شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم نىسبىتى 2020 - يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 0.22 تۆۋەنلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت - يېزا ئىگىلىكى، شەھەر - يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىدىلا ئىشقا ئاشىدۇ.
ناھىيە رايونىدا خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى زورايتىش يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جېجياڭ ئەنجى، بىر تال يوپۇرماق ئارقىلىق شۇ جايدىكى پۇقرالارنى بېيىتتى، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «گۈزەل مەنزىرە»دىن «گۈزەل تۇرمۇش»قا قاراپ ئاتلاندى؛ شەنشى يەنئەن، «ئالما كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى باشلامچى رايون» بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنى كېڭەيتىپ، قىزىل ئالمىنى «بېيىش مېۋىسى» «بەخت مېۋىسى»گە ئايلاندۇردى. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى روشەن، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمى چوڭ بولغان ناھىيە رايونىدا خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەندىلا، چوقۇم كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە ئورتاق ئاتلىنىشقا يېتەكلىگىلى بولىدۇ.
زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيىتى ئادەمنىڭ زامانىۋىلىشىشى، ئاخىرقى نىشانى ئادەمنىڭ ئەركىن ھەم ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولغاندىلا، چوقۇم يېڭى مۇساپىدە يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ياراتقىلى بولىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






