تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئون تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللايدۇ

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «سىياسەت - تەدبىر» دېيىلدى)نى يېشىپ چۈشەندۈردى.

بۇ سىياسەت سوۋغىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، مالىيە نازارىتى ھەم جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى قاتارلىق كۆپ تارماق ماس كۈچەپ، تەشۋىق قىلىش - يېشىپ چۈشەندۈرۈش، مەبلەغ كاپالىتى، پۇل مۇئامىلە مەدىتى، ئىزلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق كۆپ ئۆلچەم بويىچە كاپالەت لايىھەسى تۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ «ئىشلەپچىقىرىشنى يېتەكچى قىلىش»تىن «پىششىقلاشنى يېتەكچى قىلىش»قا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.

«سىياسەت - تەدبىر»دە دىققەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدىكى «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلۈك، پىششىقلاش ئاجىز بولۇش، مەھسۇلات كۈچلۈك، كەسىپ ئاجىز بولۇش، سۈپەت كۈچلۈك، ماركا ئاجىز بولۇش، نۇقتىدا كۈچلۈك، زەنجىردە ئاجىز بولۇش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئاغرىق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئون تۈرلۈك قاراتمىلىققا ئىگە تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشقا مەبلەغ سېلىش مۇكاپاتلىق ياردەم پۇلى، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، سوغۇق زەنجىرلىك ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سۈپەتلىك ماركا يارىتىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى باشلامچىلىق بىلەن ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يولغا قويۇش لايىھەسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى، ئىلتىماس قىلىش شەرتى ھەم بېجىرىش ۋاقىت چېكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئېغىپ كېتىشتىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرىكەتچان باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاش، دېھقانلارنى يېتەكلەش ئۈنۈمىنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش بىلەن چېتىلدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتى، كارخانىلارنىڭ نەپكە ئېرىشىشى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ماس قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يىلىغا تەخمىنەن 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشى بەش چوڭ ساھەنى نۇقتىلىق قاپلايدۇ: 250 مىليون يۈەن كارخانىلارنى مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە يېتەكلەشكە ئىشلىتىلىپ، ئىنچىكە پىششىقلاش تۈرى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا سوغۇق ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ؛ 20 مىليون يۈەن كارخانىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، باشلامچى كارخانىلار ۋە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى مۇكاپاتلاشقا ھەم پەن - تېخنىكا پىلانى تۈرىگە ياردەم پۇلى سۈپىتىدە بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ؛ 20 مىليون يۈەن پىششىقلاش باغچە رايونى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە، ھەر يىلى كەسىپنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان تۆت باغچە رايونىنى نۇقتىلىق قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ 10 مىليون يۈەن سۈپەتلىك ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل، ئورگانىك، شياڭگاڭ ئەلا سۈپەت «正» خەتلىك تامغا ئىسپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن ئاساسىي گەۋدىلەرنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ 300 مىليون يۈەن پۇل مۇئامىلىگە تۈرتكە بولۇشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باشلامچى كارخانىلار قەرز ئۆسۈم ياردىمى بىلەن تەمىنلىنىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى «سىياسەتنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي مىقدارنى كېڭەيتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئەلا مۇلازىمەت قىلىش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «1+N» پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، «10 مىليون مو ئاشلىق ئېتىزى ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇش» «10 مىليون توننا باغ - ئورمان مەھسۇلاتى ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش» قاتارلىق سەككىز چوڭ ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلە بايلىقى سېلىنمىسىنىڭ يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ تارماقلار يەنە ئامىل كاپالىتى ۋە ماس ھەمتۈرتكە بولۇش جەھەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىدۇ. ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش توك باھاسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ھەم ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چوڭ ئابۇنىچىلىرى كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلاردىن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سوغۇق زەنجىرلىك ئەسلىھەلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈپەتلىك ماركا مۇندەرىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش، تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەشنى تەلەپ قىلدى.

شىنجاڭ مالىيە، پۇل مۇئامىلە، ئامىل كاپالىتىدىن ئىبارەت «بىرىكمە تەدبىر» ئارقىلىق، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، زەنجىرىنى ئۇزارتىش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.